شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى نەسىھەت

شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ يەرلىك ۋاقتى بۇيىچە 7 ‏- ئاينىڭ 5 ‏-‏ كۈنى ئەتىگەن سائەت 3 تىن 32 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە 7 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى. "بىرلەشمە ئاگېنتلىقى"نىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە سىناق قىلغان 7 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئاز دېگەندە بىرى يىراق مۇساپىدىكى نىشانلارغا قارىتا ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا. شىمالىي كورىيىنىڭ داپۇدوڭ ‏-2 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئادەتتە ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېتىپ بارالايدۇ، دەپ قارىلىدىغان، قىتئەلەر ئارا نىشانلانغان نۇقتىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئاتىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بولۇپ، ئۇ ئېتىپ چىقىرىلىپ 40 سېكۇنتتىن كېيىن شەرقىي دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە 6 ‏- قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغاندا، ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ھەربىي ھالەتكە ئۆتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كورىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان يېپىق يىغىن ئاچقان. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ مانىلادىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ئۇدا 6 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقنىڭ ئەزاسى بولغان فىلىپپىن ئوتتۇرىغا چىقىپ شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلىگەن. فىلىپپىن پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغان ھەر قانداق بىر دۆلەت دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋپ كەلتۈرىدىغان بۇنداق ھەرىكەتكە جىددىي قارايدۇ" دېگەن. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ شىمالىي كورىيىنى ئوچۇق ئەيىبلەپلا قالماي، بەلكى شىمالىي كورىيىنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ "بۇ شىمالىي كورىيىنىڭ تىنچلىققا قىلغان رىقابىتى" دېگەن. شۇنداقلا يەنە ئاۋسترالىيە دېپلوماتلىرىنىڭ شىمالىي كورىيىگە بارىدىغان پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. فرانسىيىنىڭ باش مىنىستىرى دېۋىرسپەن ئەپەندى ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن فىرانسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننانغا "شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، شىمالىي كورىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك" دەپ بايان قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە چارشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيىنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇدا بىر قاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا رۇسىيىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىن ئەگىپ ياپون دېڭىزىغا چۈشكەن. خەۋەردە ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىمۇ شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇدا 7 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا جىددىي قارايدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كورىيە يېرىم ئارىلىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 6 تەرەپ سۆھبىتىدە بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئىلگىرىلەش بولمىغان ئىدى. شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ سۆھبەتتىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ئادەتتە شىمالىي كورىيىنىڭ "داپۇدوڭ" بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ مۇساپىسى 2200 كىلومېتىردىن 6000 كىلومېتىرغىچە، كورىيە دائىرىسىدىن ئېتىلسا رۇسىيە، خىتاي، پاكىستان، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شتاتىغىچە يېتىپ بارالايدۇ، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا "شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئارقىلىق خوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالماقتا" دېيىلگەن. ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى "ئەگەر شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى داۋاملىق دەرىجە ئۆرلىتىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە خەۋپ يەتكۈزسە، ئامېرىكا قوغداش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوللىنىشقا تەييار" دېگەن. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ " شىمالىي كورىيە دەرھال 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشى كېرەك، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، خىتاي ۋە رۇسىيىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك، ھازىر ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدىغان دۆلەت ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى شىمالىي كورىيە ، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى نەسىھەت" دېگەن. (ۋەلى)