شىمالى كورىيە ئۆزىنىڭ يەرلىك ۋاقتى بۇيىچە 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇدا 7 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىغا ئۇچرىدى. بۈگۈنكى خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەن. جەنۇبىي كورىيىنىڭ باش مىنىستىرى لۇ ۋۇشۇەن ۋە خىتاينىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەن. ياپونىيىنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىم تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە شىمالى كورىيىنى جازالاش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى 5 چوڭ دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتە پىكرى بىرەك ئەمەس.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ شىمالى كورىيىگە كەسكىن تەدبىر قوللىنىش جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شىمالى كورىيىنى جازالاش ھەققىدە تەكلىپ قويۇشقا كېلىشكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ پرېزىدېنتى لۇ ۋۇشۇەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەندە، ھەر ئىككى تەرەپ شىمالى كورىيىنىڭ بىر كۈن ئىچىدە ئۇدا بىر نەچچە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېغىر دەرىجىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك، دەپ قارىغان. شۇنداقلا مەسىلىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىدا چوقۇم ھەمكەرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەن. جورجى بۇش ئامېرىكىنىڭ ھازىر كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش ھەممە تەرەپنىڭ ئورتاق نىشانى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. خۇجىنتاۋ بولسا سۆزىدە، خىتاينىڭ شىمالى كورىيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن باشتىن ئاخىر تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە كورىيە يېرىم ئارىلىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا ھازىرقى بۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ھەر تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتنى ئۆز-ئارا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇھىملىقىنى بايان قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈي خىتاينىڭ شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش مەسىلىسى بۇيىچە پىنيوڭغا چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان دىپلومات ئەۋەتمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە، شىمالى كورىيە خىتاينىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۇنىڭ بىلەن دىئالوگ تۈزۈش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بوردۇن ئەپەندى "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىغا قارشى تۇرىدۇ، ياپونىيىنىڭ پىنيوڭنى جازالاش تەكلىپىنى قوللايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسى شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى قوللىمايدۇ" دېگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقى بار دۆلەتلەردىن رۇسىيە بىلەن خىتاي شىمالى كورىيە ھەققىدە بىر قارار ماقۇللاشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. رۇسىيە ۋەكىلى 1989 - يىلى شىمالى كورىيە سىناق قىلغان داپۇدوڭ بەلگىلىك ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈپ تىنچ ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەندە، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى پەقەت " رەئىس باياناتى" ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى، دەپ ئەسكەرتكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سىئولدىن بايان قىلىشىچە، شىمالى كورىيە پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ مەركىزى ئۇچۇر ئاگېنتلىقى ئارقىلىق خەۋەر ئېلان قىلىپ "باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئۆز-ئۆزىمىزنى قوغداشنىڭ بىر قىسمى، ئەگەر دېموكراتىك كورىيە زۆرۈر دەپ قارىسا، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىدۇ" دېگەن. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش تېلېفون ئارقىلىق خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا قارىتا بىرلىكتە جاۋاپ بېرىشكە چاقىرغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بۈگۈن ئاقسارايدا كانادانىڭ باش مىنىستىرى خارپىر ئەپەندىگە قىلغان سۆزىدە " مەن كورىيە خەلقىنى ئويلاۋاتىمەن، شىمالى كورىيىدە ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈۋاتقان خەلقنى، بالىلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ. بىز كورىيە خەلقنىڭ ھاياتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سۆزلەشتىم.