خەلقئارا جەمئىيەت شىمالىي كورىيە كرىزىسىغا ھەر تەرەپ بىردەك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقتا

خەلقئارا جەمئىيەت كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېغىر ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى ۋاڭ گۇاڭيا يىغىنىدا شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى توغرىسىدا خىتاي تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر 'بايانات' لايىھىسىنى تارقاتقان. خىتاي لايىھىلىگەن بۇ 'بايانات'تا شىمالىي كورىيىگە ھېچقانداق جازا قوللىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. خىتاينىڭ بۇ 'بايانات لايىھىسى' نى ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە رەت قىلغان. شۇنداقلا يەنە ياپونىيىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا شىمالىي كورىيە كرىزىسى جەھەتتە ئىختىلاپ تېخىمۇ ئېغىرلاشقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا، خىتاينىڭ بىر ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى شىمالىي كورىيىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا ۋەكىلى: بىر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەدبىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمىز

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە،7 ‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى ئامېرىكا ۋەكىلى كىرىستوفېر خىلل بېيجىڭغا كەلگەن، گەرچە ئۇنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭغا كېلىشى ئالدىن پىلانلانمىغان بولسىمۇ. خىلل ئەپەندى بېيجىڭ ئايرودرومىدا مۇخبىرلارغا 'بىز ھازىر شىمالىي كورىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە بىر ھەل قىلغۇچ پەيتتە تۇرۇۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئالىي دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئۆمىكى ھازىر شىمالىي كورىيىدە مۇھىم پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز. گەرچە مىنىڭ ھازىر شىماليى كورىيە خىتاينىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا قانداق جاۋاپ قايتۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم يوق بولسىمۇ، ئەمما شۇنىسى مۇھىمكى، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى ھەر تەرەپ ھازىر شىمالىي كورىيىنى دەرھال سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ، بۇلتۇر 9 ‏- ئايدا ئىمزالىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى تۇختىتىش كېلىشىمگە ئەمەل قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى تۇختىتىشى لازىم. شۇنداق بولسا، شىمالىي كورىيىگە ھازىرقىدەك تەدبىر قوللىنىش ھاجەتسىز ئىدى. بىر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەدبىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمىز' دېگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى تەسىرى كۈچلۈك جۇمھۇرىيەتچى ئەزالارنىڭ بىرى بولغان جون مېكەين ئەپەندى ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە 'شىمالىي كورىيىگە تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتە يېڭىدىن دۇنيا سەھنىسىگە چىقىۋاتقان خىتاي ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدىغان دۆلەت. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

شىمالىي كورىيە مەسىلىسى ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە

شىمالىي كورىيە مەسىلىسى ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە. ئەگەر خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا شىمالىي كورىيىگە ھەرىكەت قوللىنىش جەھەتتە ئىككىلەنسە، ھەرىكەت قوللانمىسا، بۇ ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ' دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا يەنە، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئېكىسپورت، ئىمپورت تۈرلىرىگە چەكلىمە قويۇش ھەققىدە بىر يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە ، مۇشۇ ۋاقىتتا جەنۇبىي كورىيىمۇ شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، شىمالىي كورىيىگە ئاشلىق ياردەم بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا شىمالىي كورىيە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتكەن. ئىككى كورىيە ھازىر جەنۇبىي كورىيىنىڭ فۇسەن شەھىرىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. جەنۇبىي كورىيە سۆھبەتتە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سۆھبەت ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ.

شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئۆتكەن ھەپتىدە مۇساپىسى 3000 كىلومېتىردىن 5000 كىلومېتىرغىچە ئارىلىقتىكى نىشانلارنى قارىغا ئېلىش مۇمكىن بولىدىغان ئاگنى‏-3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى. ئۇنىڭدىن بورۇن پاكىستان 4 ‏- ئايدا مۇساپىسى 2000 كىلومېتىردىن 2500 كىلومېتىرغىچە يېتىپ بارالايدىغان خاتاف‏-6 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ سۈنئى ھەمراھلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئورنىدىن يۆتكەلگەنلىكى، ئۇنىڭدىن قالغان يېقىلغۇ تاشلاندۇقلىرى، ئورنى يۆتكەلگەن قۇرۇلمىلار ۋە يەنە سىناق قىلىشقا تەييار تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يېڭى فوتو سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان. (ۋەلى)