شىمالىي كورىيە 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇدا يەتتە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر تېخى كورىيە يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان "ئالتە تەرەپ سۆھبىتى"گە قايتىپ كەلمىدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە يېقىندىن بۇيان ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن چېگرىداش ئەمما "ھەربىيسىز رايون" دەپ بېكىتىلگەن جايلاردا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىدىغان يېڭى بازىلارنى قۇرغان. شۇنداقلا يەنە، دۇنيادا پەيدا بولۇۋاتقان رايون خاراكتېرلىك جىددىيلىكلەرگە ئالاقىدار بەزى دۆلەتلەرگە داۋاملىق تۈردە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساتماقتا.
بومبا سىناق قىلىدىغان يېڭى بازىلار كۆپەيگەن
"رويترس ئاگېنتلىقى"نىڭ 3 - ئاۋغۇست كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرى يوللىغان دوكلاتلارغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى جەنۇبىي كورىيە چېگرىسىغا 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا، "خاۋسوڭ- بەش" بەلگىلىك 500 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا يەر ئاستى بازىرى بار جايدا يەنە، يەر ئاستىدا "چىخارى" بەلگىلىك يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى بىنا قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورىيە خىتاي بىلەن چېگرىداش رايوندا يەنە، يىراقتىكى نىشانلارغا زەربە بېرىدىغان "راۋدوڭ" بەلگىلىك ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى بىنا قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورىيە شىمال تەرەپتە، 1995 - يىلى بىنا قىلغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى بار جايدا يەنە يېڭىدىن ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا، گۇئام ئاراللىرىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى قارىغا ئالىدىغان "ساڭنامرى" بەلگىلىك ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى بىنا قىلغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىغان ھەرىكەتچان ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.
باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياپونىيە ۋە ياپونىيىدىكى ئامېركىدا ئەسكەرلىرى نىشانلىغان
"فرانسىيە ئاگېنتلىقى"نىڭ 3 - ئاۋغۇست كۈنى سىئۇلدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە يېڭىدىن يەر ئاستىدا بىنا قىلغان مىڭ كىلومېتىردىن 2200 كىلومېتىرغىچە مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىغان "راۋدوڭ" بەلگىلىك ھەر خىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىدا ياپونىيىنى ۋە ياپونىيىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى قارىغا ئالغان. شىمالىي كورىيە يېڭىدىن بىنا قىلغان بازىلارغا 2500 كىلومېتىردىن 4000 كىلومېتىرغىچە مۇساپىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىدىغان "س س ن -بەش"ۋە "س س -ئالتە" بەلگىلىك 50 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە بۇ تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى 1998 - يىلى شەرقىي دېڭىزدا سىناق قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پىنيوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران، لىۋىيە، سۈرىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە يەمەنلەرگە 500 دانە ھەرخىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنىڭدىن ئىرانغا ساتقىنى 100 دانىدىن ئاشىدۇ. شىمالىي كورىيە بۇ خىلدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ۋيېتنام بىلەن سۇدانغىمۇ ئاز مىقداردا ساتقان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان شىمالىي كورىيە يەنە "تاپودوڭ -ئىككى" بەلگىلىك ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشتا ئىران بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بۇ ھەمكارلىق نەتىجىسىدە، ئىران خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى قوللىنىپ "شىھاب - بەش" بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان.
شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ تاشقى پېرېۋوتقا ئېرىشىۋاتىدۇ
"مەركىزىي ئاگېنتلىقى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن ۋە جەنۇبىي كورىيە بىلەن چېگرىداش بولغان، ئەمما "ھەربىيسىز رايون" دەپ بېكىتىلگەن دائىرە ئىچىدە يېڭىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىنى بىنا قىلغان. بۇ يېڭىدىن بىنا قىلىنغان بازىلاردىن ۋە ھەرىكەتچان ئەسلىھەلەردىن ئاتىدىغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ياپونىيىنى، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى، جەنۇبىي كورىيىنىڭ فۇسان رايونىدىكى ھەربىي بازىسى ۋە ھەر جايدىكى ئارقا سەپ تەمىنات سەپلىرىنى، شۇنداقلا خىتاي، تەيۋەن، خوڭكوڭلاردىكى نىشانلارنى قارىغا ئېلىش مۇمكىن. ھازىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىمالىي كورىيە يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھەر قايسى بازىلىرىغا 600 دانە ئوت قۇيرۇقلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 2000 دىن ئارتۇق "راۋدوڭ" بەلگىلىك ھەرخىل تىپتىكى باشقۇرۇلدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشقۇرۇلدىغان بومبا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىمىلىرىنى سېتىپ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق تاشقى پېرىۋوتقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. (ۋەلى)
