ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دۆلەتلەر شىمالىي كورىيە ئىمبارگو قارارىدا ئاساسەن بىرلىككە كەلدى

0:00 / 0:00

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى، ياپونىيىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى كېنزو ئوشىما ۋە ئامېرىكىنىڭ ب د ت باش ئەلچىسى جون بالتونلار، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي كورىيە ئىمبارگو قارار لايىھىسىنىڭ مەزمۇنى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىمبارگو لايىھىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى

كېنزو ئوشىمانىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىمبارگو قارارىنى شەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇدىكەن. جون بالتون، "قارار لايىھىسىگە بەزى قوشۇمچە ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن زور مەسىلىلەردە ئاساسەن پىكىر بىرلىكىگە كېلىندى "دەيدۇ.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىمبارگو قارارىنى شىمالىي كورىيىنىڭ 9 - ئۆكتەبىردە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جازالاش ئۈچۈن يولغا قويماقتا. ئامېرىكا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئەندىشىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىمبارگو قارار لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە قارار لايىھىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىدى.

بۇنىڭ سەل ئالدىدا خىتاي دۆلەت كومىسارى تاڭ جياشۈ||ئەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس ۋە پرېزىدېنت بۇشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ستىپان خاردلېيلار بىلەن شىمالىي كورىيە مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئاقسارايدىكى ئەمەلدارلار، خىتاينىڭ ئىمبارگو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سېن مەككورماك، پەيشەنبە كۈنى سۆھبەتنىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسى بولۇپمۇ، شىمالىي كورىيىگە يۈرگۈزۈلىدىغان ئىمبارگو مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئىمبارگونىڭ "بەك ئېغىر" بولۇپ كېتىشىگە قارشى تۇرماقتا

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇلىدىغان قارار لايىھىسىدە شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى "خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاشكارا تەھدىت، " دەپ كۆرسىتىلمەكچى. قارار لايىھىسىنىڭ يېڭى نۇسخىسىدا شىمالىي كورىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چوقۇم ب د ت نىڭ يېڭى قارارىنى ئېلىش بېكىتىلگەن. يېڭى قارار لايىھىسىدە شىمالىي كورىيىگە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلىش چەكلەندى شۇنداقلا شىمالىي كورىيىگە كىرىپ - چىقىدىغان پاراخوتلار تەكشۈرۈلىدىغان بولدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پيوڭياڭ بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قىرغىغۇچى قوراللارنى ياسىشىغا ياردەم بېرىدىغان تېخنىكا، ماتېرىياللار ۋە قىممەتلىك بۇيۇملار سودىسى قىلىش چەكلەندى.

خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەيىبلەپ، يادرو سىنىقىنىڭ "خاتا ھەرىكەت " ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىمبارگونىڭ "بەك ئېغىر" بولۇپ كېتىشىگە قارشى تۇرماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، "شىمالىي كورىيىنى جازالاش مەقسەت بولۇپ قالماسلىقى كېرەك" دەيدۇ. ئاقساراينىڭ باياناتچىسى سنوۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىمبارگو خىتايغا ئېقىپ كىرىدىغان شىمالىي كورىيىلىك كۆچمەنلەرنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىكەن. ئۇ، جۈمە كۈنى ئاقسارايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا "خىتاي كۆچمەنلەر ئېقىمىغا دۇچ كېلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار يەنە شىمالىي كورىيىگە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي كورىيە بۇنى ئاڭلىمىدى ۋە ئۇنى رەت قىلىپ، يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇ خىتاينى ناھايىتى بىئارام قىلغان "دەيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر، ئىمبارگونى ئۈنۈملۈك تۈردە ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي ھەل قىلغۇچ دۆلەت، دەپ تەكىتلىمەكتە. چۈنكى شىمالىي كورىيە ئېنېرگىيىنىڭ 70%، توۋار بۇيۇملىرىنىڭ 90 % نى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىكەن.

خىتاي بۇ مەسىلىدە سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس كېلەر ھەپتە خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سېن مەككورماك، جۈمە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رايىسنىڭ 17 - ئۆكتەبىردىن 22 - ئۆكتەبىرگىچە رايوندىكى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەككورماك، بۇ زىيارەت رايىسنى " رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھازىرقى مەۋجۈت ۋەزىيەت، بىخەتەرلىك ۋە قىرغۇچى قوراللار مەسىلىسى بويىچە تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىدىكى مىراس فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مايكېل نېدخامنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رايىسنىڭ زىيارىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ خىتاينى شىمالىي كورىيىگە قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىشقا قايىل قىلىشتۇر. "خىتاي بۇ مەسىلىدىكى ھەل قىلغۇچ دۆلەت" دەپ تەكىتلىگەن نېدخام، "خىتاي سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شىمالىي كورىيىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشى كېرەك" دەيدۇ. (ئەركىن)