'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى' نىڭ ب د ت دىن خەۋەر قىلىشىچە، ئەينى زاماندا گىتلېر فاشىزمى چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ئاۋسۋېت جازا لاگىرىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغان، كېيىن ياۋروپادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىزم تۈزۈمىگە قارشى ئەركىنلىك ھەرىكىتىگە ئىزچىل يېتەكچىلىك قىلىپ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان ئەلي ۋيېسېل ئەپەندى، سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش بولمىغان سېنارىيە يازغۇچىسى، كېيىن چېخنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ۋاكلاۋ ھاۋىل ئەپەندى، نورۋىگىيىنىڭ باش مىنىستىرى جېل بوندىۋىك ئەپەندى قاتارلىق خەلقئاراغا مەشھۇر ئۈچ ئەرباب يېقىندا، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە 123 بەتلىك دوكلات يوللاپ، شىمالى كورىيىدىكى چېكىدىن ئاشقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى شەرھىلىگەن.
شىمالى كورىيىدە ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن ئادەم سانى بىر مىليوندىن ئاشتى
ياۋروپادىكى ئەركىنلىك ھەرىكىتىگە ئىزچىل يېتەكچىلىك قىلىپ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان ئەلي ۋيېسېل، سېنارىيە يازغۇچىسى ۋاكلاۋ ھاۋېل نورۋىگىيىنىڭ باش مىنىستىرى جېل بوندىۋىك قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر ئەرباب ب د ت غا سۇنغان دوكلاتىدا 'دۇنيادا خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى شىمالى كورىيىدەك ئېغىر دەپسەندە قىلغان دۆلەت تېپىلمىسا كېرەك. شىمالى كورىيىدە 1990 - يىللاردىلا ئاشلىق يېتىشمەسلىك باشلانغان ئىدى. ھازىرغا قەدەر بۇ دۆلەتتە دۆلەت پۇقرالىرىدىن ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن ئادەم سانى بىر مىليوندىن ئاشتى. ھازىر پىنيوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىسىدە يەنە 200 مىڭ سىياسىي مەھبۇس بار. شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىغە مۇئامىلە قىلىشتا ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلا ئەمەس، بەلكى ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقىغىمۇ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسىتىلگەن.
شىمالى كورىيە خەلقىنى كىم يوڭئېلنىڭ سىياسىي رەجمىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر يول تېپىش لازىم
ئەلي ۋيېسېل، ۋاكلاۋ ھاۋېل، جېل بوندىۋىك قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر ئەرباب ب د ت غا سۇنغان دوكلاتىدا يەنە 'ھازىر شىمالى كورىيىنىڭ ئىقتىسادىي خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتتە خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن ناچار. ھازىر جەنۇبىي كورىيىمۇ، خىتايمۇ شىمالى كورىيىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. پىنيوڭ ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي مۇشۇنداق ناچار ئەھۋالدا تۇرغاندىمۇ يەنىلا يادرو قوراللىرىنى ياساۋاتىدۇ. ئۇنىڭ دۆلەت پۇقرالىرىغا سېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتسادىي زۇلۇمى چېكىدىن ئاشتى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر جەنۇبىي كورىيە بىلەن خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتتىكى خەلققە ياردەم بەرمىسە، ب د ت نىڭ ئۇ جايدىكى خەلققە ياردەم بەرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن 23 مىليون شىمالى كورىيە خەلقىنى كىم يوڭئېلنىڭ سىياسىي ۋە ئىتىسادىي رىجىمىدىن قۇتۇلدۇرىغان بىر يول تېپىش لازىم. ھېچ بولمىغاندا، ب د ت خادىملىرى ئەركىن كىرىپ-چىقىدىغان، شىمالى كورىيە خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرىدىغان، ئۇلارغا دەل ۋاقتىدا ياردەم بېرەلەيدىغان بىر يول ئېچىلىشى لازىم' دەپ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1950- يىلىدىن 53 - يىلىغىچە داۋام قىلغان كورىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلىكتە قوغدىنىش ئەھدىنامىسى ئىمزالىغان ئىدى، - دەيدۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق 28 مىڭ كىشىلىك ھەربى قىسىمىنىڭ كوماندىرى بىل ئەپەندى، - ئامېرىكا قوشۇنلىرى مۇشۇ ئەھدىنامىگە ئاساسەن جەنۇبىي كورىيىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئەمما شىمالى كورىيە ئامېرىكا تاجاۋۇز قىلىپ كىرمەكچى، يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلق ئۇنى توسايمىز، دەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا شىمالى كورىيىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشنى پىلانلىغان ئەمەس، - دەيدۇ ئامېرىكا قىىسملىىرنىڭ كوماندىرى بىل ئەپەندى، - . شىمالى كورىيە 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى ئاخىرقى قېتىملىق سىناق بولۇپ قالماسلىقى مۇمكىن. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، ھازىر جەنۇبى كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ شىمالى كورىيىدىن قوغدىنىش كۈچى ئۆزىگە يېتەرلىك. ھۇجۇم قىلىش پەقەت قوغدىنىش ئۈنۈم بەرمىگەندە ئاندىن يۈز بېرىدىغان ھەربىي ھەرىكەت. شىمالى كورىيە بۇنىڭدىن كېيىن يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىدۇرىۋەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ جەنۇبى كورىيىگە ھۇجۇم قىلمىسىلا، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبى كورىيە شىمالى كورىيىگە قارىتا بىرلىكتە ھەرىكەت قوللانمايدۇ.
بىرلەشمە قوشۇننىڭ قوماندانلىق ھوقۇقى 2009 -يىلىدىن باشلاپ -جەنۇبىي كورىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ
ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى كورىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىمىنىڭ كوماندىرى بىل ئەپەندى يېقىندا ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقۇرىي دەرىجىلىك سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالغاندا 'ئامېرىكا 2009 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، جەنۇبىي كورىيىدىكى ئامېرىكا -كورىيە بىرلەشمە قىىسملىىرنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى، 50 كىشىلىك قوشۇننىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي جەنۇبىي كورىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى' دېگەن. (ۋەلى)
