ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىسپات بېرىش يىغىنى خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىدىكى رولىنى تالاش-تارتىش قىلدى


2006.11.16

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە خىتاي شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچتۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ دۆلەت، دەپ قارالماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ چارشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاس بۇرنىز، ئامېرىكىنىڭ 6 دۆلەت سۆھبەت ئۈستىدىكى ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، دىپلوماتىك يوللار بىلەن شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچتۈرۈش نىشانىغا يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپلەر

نىكولاس بۇرنىزنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدىكى ھەل قىلغۇچ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ،"خىتاي بۇ مەسىلىدە ناھايىتى ئېنىقكى، زور رول ئوينايدىغان دۆلەت " دېدى. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك رەئىسىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش مۇمكىنچىلىكى زور، دەپ قارىلىۋاتقان ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام لانتوس، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيە سىياسىتىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان سىياسەت، دەپ كۆرسەتتى. تام لانتوسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان يېڭى بىر سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۇ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن يەكمۇ - يەك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنى پيوڭياڭغا ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاس بۇرنىزنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ يىل 7 ‏- ئايدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 10 ‏- ئايدا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى قوشنا دۆلەتلەر، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ۋە يەر شارى بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرگەن. ئۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېغىر ئىمبارگو تەدبىرى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇرنىز، "ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللاردىن ئومۇميۈزلىك ۋاز كېچىشىنى قولغا كەلتۈرۈش" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قوش لىنىيىلىك سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. ئۇ، "قوش لىنىيىلىك بۇ سىياسەت بىر تەرەپتىن ب د ت ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگوسى ئارقىلىق شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن شىمالىي كورىيىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش ۋە بۇ مەسىلىنى 6 دۆلەت سۆھبەت ئۈستىلىدە بىر تەرەپ قىلىش" دەپ كۆرسەتتى.

شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى رايون خاراكتېرلىك مەسىلە

لېكىن ئوتتۇرا مەنزىللىك دۆلەت مەجلىسى سايلىمىدا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى بۇش ھۆكۈمىتى بىلەن بىردەك ئەمەس. ئاۋام پالاتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى تام لانتوس، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيە سىياسىتىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، دەپ تەنقىدلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرىگە ئىمبارگونىڭ ئازابىنى چەكتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا - شىمالىي كورىيە ئىككى تەرەپلىمىلىك سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك. لېكىن ئۇ، ب د ت ئىمبارگو قارارىنىڭ ئەھمىيىتى بولۇش ياكى بولماسلىقتا خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورىيە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تام لانتوس، "بىز خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرگە خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىمبارگو قارارىنى خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە تولۇق ئىجرا قىلمىغىچە ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇشىمىز كېرەك " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى تاشقى سىياسەتتە يېڭى يوللارنى سىناپ كۆرمىسە، ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدىكى 6 دۆلەت سۆھبىتىدە يەنە كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. لېكىن نىكولاس بۇرنىز ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىمىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك سەۋەبىنى بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلا ئەمەس، دەپ چۈشەندۈردى. بۇرنىز، "شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى رايون خاراكتېرلىك مەسىلە، بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلا ئەمەس. چۈنكى بۇ مەسىلە شىمالىي كورىيىنىڭ پۈتۈن قوشنىلىرىغا تەھدىت سالماقتا" دەيدۇ.

خىتاي يادرو قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش سەلبىي رول ئوينىدى

يىغىندا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدىكى رولى ۋە سەمىمىيىتى بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى روباكېر، خىتاي يادرو قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش، بولۇپمۇ شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىنى چەكلەشتە سەلبىي رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي پاكىستاننى يادرو قوراللار ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە پاكىستان خىتاي زېمىنىنى بازا قىلىپ، شىمالىي كورىيىگە يادرو ماتېرىياللىرىنى ساتقان. ئۇ، خىتاينى "ھەرگىز مەسىلە ھەل قىلغۇچى تەرەپ ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى. روباكېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان دوكلاتىدىن قارىغاندا، خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللارنى ياسىشىغا ياردەم قىلغان. ئۇ،" چۈنكى خىتاي مەسىلە ياراتقۇچى تەرەپنىڭ بىر قىسىمى، ئۇ ھەرگىز مەسىلە ھەل قىلغۇچى تەرەپ ئەمەس " دەيدۇ.

يىغىندا تەرەپلەر شىمالىي كورىيە كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ خىتايدىكى شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارغا پاناھلىنىش ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى ئىقتىسادى كۆچمەنلەر، دەپ قارىماقتا. يىغىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاس بۇرنىز، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتتىكى شىمالىي كورىيىلىكلەرنى يۇرتىغا قايتۇرۋەتمەسلىك توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، بەزى مۇساپىرلارنى قولىدىن كېلىشىچە قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.