شىمالىي كورىيىنىڭ ماكاۋدا توڭلىتىلغان مۈلكىنى بېيجىڭدىكى جۇڭگو بانكىسىغا يۆتكەش قېيىن بولۇۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

شىمالىي كورىيە بۇلتۇر 10 ‏- ئايدا ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە، جەنۇبىي كورىيە، خىتاي، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئالتە تەرەپ سۆھبىتى بېيجىڭدا قايتىدىن باشلانغان ئىدى. بۇ سۆھبەتتە ئالتە تەرەپ 2 ‏- ئاينىڭ 13 ‏-كۈنى ھاسىل قىلغان كېلىشىمدە، شىمالىي كورىيىگە ئېنېرگىيە جەھەتتىن بىر مىليون توننا يېقىلغۇ ياكى شۇنىڭغا باراۋەر ئەشيا ياردەم بېرىش، شىمالىي كورىيە 60 كۈن ئىچىدە يادرو قوراللىرى ئىشلەش پىلانىنى ئورۇنلايدىغان يوڭبۇن رىئاكتورىنى ئۈزۈل-كېسىل تاقاش بەلگىلەنگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالتە تەرەپ بېيجىڭدا يەنە بۇنىڭغا دائىر تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا قايتىدىن باشلانغان شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانى ھەققىدىكى سۆھبەت 22 ‏- مارت كۈنى، شىمالىي كورىيە ۋەكىلى 'پۇل قولىمىزغا تەگمىگىچە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرمايمىز' دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، بىردىنلا توختاپ قالغان. شىمالىي كورىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى سۆھبەتتىن چېكىنىپ ئۆز دۆلىتىگە قايتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شىمالىي كورىيىنىڭ ماكاۋدىكى 'ناپاك پۇل' ىنى ئۆتكۈزىۋېلىشنى خالىمايۋاتسا كېرەك

'فرانسىيە ئاگېنتلىقى'نىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ۋەكىلى كىم كېيكۇان شىمالىي كورىيىنىڭ ماكاۋدا توڭلىتىۋىتىلگەن مۈلكى ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى بانكا ھېسابىغا كىرمىگىچە داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. رۇسىيىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى ئالېكساندىر لوسيۇكوۋنىڭ ئېيتىشىچە، شىماليى كورىيىنىڭ ماكاۋدا توڭلىتىلغان مۈلكىنىڭ ماكاۋ بانكىسى ئارقىلىق بېيجىڭدىكى جۇڭگو بانكىسىغا يۆتكەپ كېلىنىشىگە ھازىر خىتاي تەرەپ قوشۇلمايۋاتىدۇ. ئورگىنى سىئۇلدىكى خەلقئارا كرىزىس مەركىزىنىڭ شەرقى شىمالي ئاسىيا شۆبىسى باشلىقى پىتىر بىك ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىرقى زامان پۇل مۇئامىلىسىدە 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى بانكىدىن بانكىغا يۆتكەش قېيىن ئىش ئەمەس، ئەمما بۇنىڭدىكى تېخنىكىلىق رەسمىيەتلەرنى بىجىرىش قېيىن. بىز ھازىر بۇ مەسىلىدە خىتاي تەرەپنىڭ قانداق سەۋەب كۆرسىتەلىشى مۇمكىنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بەلكى ئاساسلىق مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ 'ناپاك پۇل' نى ئۆتكۈزىۋېلىشنى خالىمايۋاتسا كېرەك.

ئەگەر بۇ پۇل ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلمىسە، خىتاي چۇقۇم ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ

‏‏- بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا يول قويسىلا، شىمالى كورىيە قايتىدىن يېڭى تەلەپلەرنى قويۇپ سۆھبەتنى بۇزۇپ كېلىۋاتقان ئىدى، ‏-‏-‏- دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ خوڭكوڭ پەن -تېخنىكا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسىسىسى داۋېت زىۋىگ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇڭلاشقا ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇ قېتىمقى مەسىلە يەنە مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان. ‏-‏ بۇنداق مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا جۇڭگو بانكىسى چۇقۇم 'پۇل يۇيۇشقا ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش قانۇنى'غا ئەمەل قىلىشى كېرەك، ‏-‏ دەيدۇ جۇڭگو بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى لىخۇي. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار تېخى ماكاۋدىكى بۇ پۇلنى يۆتكەش ئۈچۈن ھېچقانداق 'ھېساب يۆتكەش تەلەپنامىسى' تاپشۇرۇپ ئالمىغان.

‏-‏ بۇ ئىشتا ھۆكۈمەت قارار چىقارمايدۇ، ‏-‏ دەيدۇ خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىلى ۋۇ داۋېي. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەسىلىدە جۇڭگو بانكىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىش كېرەك. شاڭخەي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ مىڭنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ماكاۋدا توڭلىتىلغان پۇل جۇڭگو بانكىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇ پۇلنىڭ ئىنسانپەۋەرلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشىغا نازارەت قىلىنىشى كېرەك، ئەگەر ياخشى نازارەت قىلماي، بۇ پۇل توغرى يولغا ئىشلىتىلمىسە، خىتاي چۇقۇم ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

ئامېرىكا يەنىلا ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ۋە ئىككىنچى قەدەمنى قانداق بېسىش پىلانىنى تۈزۈشكە نىسبەتەن ئۈمىدۋار

'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭدىن بۇرۇن شىمالىي كورىيىنىڭ ماكاۋدىكى پۇلىنى ساختا پۇل ۋە قانۇنسىز تاپاۋەت دەپ جاكارلىغان ئىدى. ھازىر ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ پۇلنى ماكاۋ بانكىسىدىن شىمالىي كورىيىىنىڭ بېيجىڭدىكى بانكا ھېساۋاتىغا يۆتكەپ بېرىشكە قوشۇلدى. ئامېرىكا ۋەكىلى كرستوفېر خىللنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر بۇ پۇلنى بانكىدىن بانكىغا يۆتكەشكە سەرپ قىلىندىغان ۋاقىت پەرەز قىلىنغاندىن كۆپ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى بۇ جەھەتتە بىجىرىدىغان رەسمىيەت كۆپ، ئۇنى بىر -ئىككى كۈندىلا ھەل قىلىپ كېتىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. گەرچە سۆھبەت ھازىر توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا، ئىككىنچى قەدەمنى قانداق بېسىش پىلانىنى تۈزۈشكە نىسبەتەن ئۈمىدۋار. (ۋەلى)