خىتاي شىمالىي كورىيىنى جازالاش ۋەدىسىدىن ئارقىغا چېكىندى

0:00 / 0:00
bush-200.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش 11 – ئۆكتەبىر كۈنى شىمالىي كورىيە ھەققىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوز قىلماقتا. AFP

خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ۋاڭگۇئاڭيا، شىمالىي كورىيىگە "چوقۇم مەلۇم جازالاش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ۋاڭ گۇڭيانىڭ باياناتىنى "ئىجابىي قەدەم" دەپ باھالىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ساياھەت ۋە ئىقتىسادى ئىمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانىنى قوللاشتا ئىككىلىنىشكە باشلىدى.

خىتاينىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت نىڭ ئىمبارگو قارارى شىمالىي كورىيىنى جازالاش ئەمەس، ئۇنى سۆھبەت ئۈستىگە قايتۇرۇپ كېلىشنى نىشان قىلغان بولۇشى كېرەك.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتى ئامېرىكا ب د ت غا شىمالىي كورىيىنى جازالاش تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقاندا ئېلان قىلىندى. خىتاي شىمالىي كورىيىنى ئەڭ كۆپ ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلىگۈچى سۈپىتىدە پيوڭياڭغا گەپ ئۆتكۈزەلەيدىغان بىردىن - بىر دۆلەت، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدىكى ئىنكاسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ جيەنچاۋ، پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ب د ت نىڭ يادرو سىنىقىغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ، "جازالاش مەقسەت بولۇپ قالماسلىقى كېرەك" دەيدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىئىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ليۇ جيەنچاۋ، شىمالىي كورىيىگە يادرو سىنىقىنىڭ "خاتا ھەرىكەت" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش زۆرۈر، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، خىتاينىڭ ب د ت ئىمبارگوسىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

ئامېرىكىنىڭ مەيدانى

بۇنىڭ ئالدىدا ، پرېزىدېنت بۇش، شىمالى كورىيىنىڭ ھەرىكىتى ئەپۇ قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شىمالىي كورىيە ئامېرىكا بىلەن يەكمۇ - يەك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت بۇش چارشەنبە كۈنى ئاق سارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شىمالى كورىيىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. بۇش، ئامېرىكىنىڭ مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ۋە رايوندىكى ئامېرىكا مەنپەئەتىنى قوغداشقا تەييار تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى جون بالتون پەيشەنبە كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە پيوڭياڭنى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە قىستايدىغان بىر تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان. تەكلىپ لايىھىسى پيوڭياڭغا ھەربىي قوراللار ۋە پۇل -مۇئامىلە ئىمبارگوسى قويۇش، شىمالىي كورىيىنىڭ قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئامېرىكا تەكلىپ لايىھىسىنىڭ جۈمە كۈنى ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە توۋارلىرىنى ئىمپورت قىلىش، شىمالىي كورىيە پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلەيدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

شىمالىي كورىيە ياپونىيىنى ئاگاھلاندۇردى

شىمالىي كورىيە بولسا ياپونىيىنى "ئىمبارگوغا قارشى كۈتۈلمىگەن كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قايتۇرۇمىز،"دەپ ئاگاھلاندۇردى. ياپونىيە كيودو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ بىر دىپلوماتىك ئەمەلدارى، "بىز ھېچقاچان قۇرۇق گەپ قىلىپ باققان ئەمەس "دەپ تەكىتلىگەن.

ياپونىيە شىمالىي كورىيە پاراخوت ۋە ئايرۇپىلانلىرىنىڭ چەتئەل دېڭىز پورتىغا كىرىش ياكى ئايدۇرۇمىغا قونۇشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ،خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. شىمالىي كورىيە بولسا ياپونىيە بىلەن بىرگە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۈپ، ئامېرىكا بېسىمىنى كۈچەيتىۋەرسە، بۇنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھەرىكىتى، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چارشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورىيىگە ھەربىي ھۇجۇم قىلىش نىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن بۇش "ھەربىي ھەرىكەت يولىنى تاللىۋېلىشتىن بۇرۇن پۈتۈن دىپلوماتىك يوللارنى سىناپ بېقىش كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن " دەيدۇ. ئۇ، رايوندىكى شېرىك دۆلەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھەمكارلىقىدا پيوڭياڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينى شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ھەمرايىمىز، دەپ تەكىتلىگەن.

شىمالىي كورىيىلىك ئۆكتىچىلەر، ب د ت ئىمبارگوسىنىڭ شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشىنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. شىمالىي كورىيىلىك يازغۇچى كاڭ چۇخان "يادرو سىنىقى ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئاخىرقى كوزۇر شۇنداقلا بۇ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىش سىگنالى" دەيدۇ. (ئەركىن)