
ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە ئىقتىسادى جازا قويۇش قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندالىزا رايس خانىم شىمالىي كورىيىگە قوشنا دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. رايس خانىم ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەردە ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە قويغان ئىقتىسادىي جازاسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، ئۇ زىيارىتىنىڭ 3 - قەدىمىدە، 20 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتايغا كەلدى. رايس خانىم خىتايغا كەلگەندىن كېيىنلا، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ، باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ ۋە خۇجىنتاۋنىڭ شىمالىي كورىيىگە ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى تاڭ جاشۇەنلەر بىلەن ئايرىم -ئايرىم كۆرۈشتى.
خۇ جىنتاۋنىڭ ئېيتىشىچە "جۇڭگو يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە"
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس خانىم 20 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن بۈيۈك خەلق سارىيىدا خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن. رايس خانىم كورىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى خەلقئارا ۋەزىيەت ھازىرقىدەك مۇرەككەپ ئەھۋال ئاستىدا، دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەندە، خۇجىنتاۋ "جۇڭگو تەرەپ كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. ئەمدى كورىيە مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ" دېگەن كونا گەپنى تەكرارلىغان.
ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى تاڭ جاشۇەن كىم يوڭئىلغا خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ قايتىپ كېلىپ، كىم يوڭئىلنىڭ "ئەگەر ئامېرىكا جازالاش جەھەتتە يول قويسا، شىمالىي كورىيە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىدۇ" دېگەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس خانىم "ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ" دېگەن. خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ "ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، جۇڭگو ۋە رۇسىيىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رايس خانىمنى ئەۋەتتى. ھازىر شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن ئۆزگە چارە يوق" دېگەن. ب د ت ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بۇيىل شىمالىي كورىيىگە ياردەم بېرىدىغان ئاشلىق مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قىسقارتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ گۇمران بولۇشىنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىسا رايس خانىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە شىمالىي كورىيىنى دەرھال ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان. خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش جەريانىدا، خىتاينى ئەڭ بىئارام قىلىدىغان بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ كوممۇنىست قېرىندىشى شىمالىي كورىيىنىڭ گۇمران بولۇشىدىن قايغۇرىدۇ. ئەگەر شىمالىي كورىيىنىڭ يېمەك -ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىشى ئۆكسۈپ قالسا، كورىيە خەلقى ئازاپ چېكىدۇ، ئاچارچىلىق گىردابىدىكى خەلق شىمالىي كورىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تېخىچە بىكىىتلمىگەن چېگرىدىن ئۆتۈۋىرىدۇ. ئاز دېگەندە 500 مىڭ ئادەم خىتايغا يامراپ كېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەگەر كىم يوڭئىل ھاكىمىيىتى گۇمران بولسا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيە چېگرىسىدىكى ھەربى قىسىملىرى بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدا، شىمالىي كورىيىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر بوشلۇق يوقىلىدۇ. ئامېرىكا قىسىملىرى تۇرغان ئورۇن خىتاي چېگرىسىغا تۇتۇشۇپ قالىدۇ. بۇ خىتاينى ھەممىدىن بەك بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىنى جازالاش قارارىنى ئىجرا قىلىشتا، خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ گۇمران بولۇشىنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
شىمالىي كورىيىنىڭ "دۇنيا يادرو قوراللىرى كۇلوبىنىڭ ئەزالىق ئورنى" ھازىر رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن سىياسىي ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى دىڭ شۇفەننىڭ تەھلىلى بىر ئاز ئۆزگىچە. ئۇنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە خىتاينىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، گەرچە ھازىر خىتايغا ھۆزرە ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي كورىيىنىڭ "دۇنيا يادرو قوراللىرى كۇلوبىنىڭ ئەزالىق ئورنى" ھازىر بەرىبىر رېئاللىققا ئايلىنىپ بولدى. ئۇنىڭ قولىدا قوللانغۇدەك باشقا كوزورى قالمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، دەرھال يادرو دۆلىتىگە ئايلىنىۋېلىشقا ئالدىرىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ھۆزرە ئېيتقىنى بىلەن خىتاينىڭ نارازىلىقى بېسىلمايدۇ. ئەمدى خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىي تەييارلىقىنى كېچىكتۈرەلەيدۇ، خالاس.
"جۇڭگو قەھرىمانلىرى"، "ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرى" دېگەن چۈشەنچە بۇ شەھەردە ئاللىقاچان ئۆزگەرگەن
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە چېگرىسىدىكى دەندۇڭ شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، دەندۇڭ شەھىرىدە 1950 - يىلى خىتاي پىدائى قىسىملىرىنىڭ دەريادىن ئۆتۈپ "ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان" لىقىغا دائىر ھەرخىل مىس ھەيكەللەر، يىرىك ماي بوياق رەسىملەر ۋە باشقا ئىجادىي سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ تۇراتتى. ئەمما ھازىر بۇ شەھەردە ئۆزگىرىش بولدى. بۇ شەھەرنىڭ بىر قىسىم پۇقرالىرى بۇنداق مەنزىرىلەرنى بۇزۇۋەتتى. ھازىر بۇ شەھەردە ئامېرىكىنى دۈشمەن ئەمەس دەيدىغان يىرىك رەسىملەر پەيدا بولدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ شەھەرگە خىتاينىڭ غەرب تەرىپىدىكى شىئەن شەھىرىدىن كەلگەن ۋاڭ فامىلىلىك بىر ساياھەتچى "بۇ جايدا بۇنىڭدىن 50 يىللار بۇرۇن ئۇقۇشماي مەسىلە چىققان ئىدى، ئەمدى بۇنداق مەسىلە يۈز بەرمەيدۇ" دېگەن. شىمالىي كورىيىدىن بۇ شەھەرگە ئەينى يىللاردا ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋاقىتتىكى پاكىتلارنى كۆرۈپ، قايتىدىن تەربىيە ئېلىشقا ئەۋەتىلگەن سونلو ئىسىملىك پېنسىيىگە چىققان سولدات "جۇڭگو قەھرىمانلىرى" ، "ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرى" دېگەن رەسىملەرگە بولغان چۈشەنچە ھازىر بۇ شەھەردە ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ بولغان. ئەمدى يەنە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار ؟ ئەسلىدىلا شىمالىي كورىيىنىڭ قىلغىنى خاتا بولغان ئىدى" دېگەن. (ۋەلى)
