خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتتە تىبەتتە قوللانغان شىنجاڭ مودېلى مىللىي زىددىيەتلەرنى ئۇلغايتماقتا


2006.10.19

ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىسى بولغان تىبەتلىكلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسىتىگە رازى ئەمەس. بۇ ھەقتە 'تىبەت ئۇچۇرلىرى' دېگەن ژۇرنالنىڭ تەھرىرى داۋا سېرىن ئەپەندى مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

ھازىر ھىندىستاننىڭ درامسالا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان داۋاسېرىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ تىبەت خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قىلىنغان ئەمەس، بەلكى ئۇ خىتايلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى ئىقتىسادىي سىياسىتى تىبەتلىكلەرنىڭ ھاياتلىق يولىنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ. مەسىلەن: خىتاي تىبەتكە مەبلەغ سالدى، تىبەتتە يوللار ياسالدى، ئىمارەتلەر بىنا قىلىندى. ئەمما بۇ جەرياندا تىبەتلىكلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى. ئۇنىڭدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ھەممسى خىتايلار، ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلۇشلاردىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلارمۇ خىتايلار. چىرايلىق پويىز ستانسىسى سېلىندى، ئۇنىڭدا خىتايلار ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭدىن خىتايلار پايدىلىنىدۇ. گەرچە تىبەتتە تىبەتلەرنىڭ نوپۇسى كۆپ ساننى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما تىبەتتىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى يەنىلا خىتاي، تىبەتلىك خىزمەتچىلەرنىڭ سانى ئۇنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق ئاپتونومىيە سىياسىتىگە ۋە ئىقتىسادىي سىياسىتىگە تىبەت خەلقى رازى ئەمەس.

ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان يازغۇچى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۈچۈن تەييارلىغان ئوبزورىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىادىي سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسىتىنى سېلىشتۇرغان. ئۇنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، شىنجاڭدا بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈش تىبەتكە قارىغاندا بۇرۇن باشلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ سودا -تىجارەتكە بولغان ئىنىتلىشى تىبەتلىكلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا خىتايچە ئۆرپ-ئادەتلەرنى يولغا قويۇش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا 'شىنجاڭ مەسىلىسى'نى ھەل قىلالمىدى، بەلكى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى. ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىنجاڭدا خىتاي نوپۇسى 40% نى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما چوڭ ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى خىتايلارنىڭ قولىدا، بايلىق مەنبەلىرىنىمۇ خىتايلار ئىگىلىۋالغان. ياخشى خىزمەتلەرگە خىتايلار ئېرىشكەن. شىنجاڭدا بازار ئىگىلىكى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېقىندى بولۇپ قالدى. ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىمۇ خىتايلار تىل، مىللەت مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇۋالدى.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بازار ئىىگىلىكى سىياسىتىدە مىللەت ئايرىمىچىلىقى بولسىلا، مىللىي زىددىيەت ھەل بولمايدۇ. بەلكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋىتىدۇ. شىنجاڭدا بازار ئىگىلكىدىكى زىددىيەتلەر ھەممە كىشىنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقالغان بولغاچقا، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي سىياسىتى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللەت ھېسياتىنى قوزغىۋەتتى.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشىچە، تىبەتتە خىتاي نوپۇسى شىنجاڭدىكىدىن ئاز، تىبەتتە بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۆش باشلانغاندا، خىتايلار شىنجاڭدىكىدەك ئۇنداق دەسلەپتىلا تەبىئىي بايلىقلار ۋە ياخشى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىۋالمىدى. بەلكى دەسلەپتە تىبەتلىكلەر تەبئىى بايلىقلارنىڭ كۆپ سانلىقىغا، ياخشى خىزمەت پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولالىدى. تىبەتتىكى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتتە ئادەم توشۇش، ئاشخانا ئېچىش، چوشقا بېقىش دېگەندەك ئىشلار پۈتۈنلەي خىتايلارنىڭلا ئىشى بولۇپ قالدى. خىتايلار دەسلەپتە تىبەتلىكلەرگە ياللىنىپ ئىشلىدى. تىبەتلىكلەر بۇنداق مەنپەئەت ئالدىدا مىللىي مەسىلىنى ۋاقتىنچە چەتكە قايرىپ قويدى. ئەمما خىتايلار تىبەتتە بارا -بارا شىنجاڭدىكىدەك تىل، مىللەت مۇناسىۋەتلىرىدىن، ئۇرۇق-تۇققانچىلىق، يۇرتداشلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئۈستۈنلىكىنى تىكلەپ چىقتى. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە يولغا قويغان ئىقتىسادىي سىياسەتتە قوللانغان 'شىنجاڭ مودېلى' ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە يولغا قويۇۋاتقان بۇنداق 'شىنجاڭ مودېلى' ھازىر تىبەتلىكلەرنى خۇددى ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىپ قويغانغا ئوخشاش چەتكە قېقىشقا باشلىدى. بۇ مودېل تىبەتتە پەيدا قىلىۋاتقان مىللى زىددىيەت ھازىر بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.