خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ سانى ھەم كۆلىمىنى يەنە كېڭەيتتى
2012.08.02
ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتىلغان ئۆز ئانا تىل ۋە ياشاش مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتايدا پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپتا تەربىيىلەشتىن ئىبارەت بۇ خىل غەيرىي مائارىپ تەدبىرى، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «خىتاينىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» دەپ تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بۇ خىل «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نىڭ سانى ھەمدە كۆلىمى بارغانچە كېڭەيتىلمەكتە.
شىنجاڭ سىنىپى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قوللىنىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىكى يەنە بىر نۇقتىلىق شۇنداقلا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان تەدبىرىدىن بىرى.
خىتاي ئىچىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئەھۋالى
خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپقا دائىر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلغان شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتتى. بۇنىڭغا دائىر خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، بۇ يىل كۈزدە بېيجىڭ، شاڭخەي، خاربىن، شېنجىن قاتارلىق خىتاينىڭ شەھەرلىرىدە شىنجاڭ سىنىپىدىن يەنە 9 ئى ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 1240 نەپەر كۆپەيتىلىپ جەمئىي 8330 غا يەتكۈزۈلىدىكەن.
2000-يىلى بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، چىڭداۋ قاتارلىق 12 خىتاي شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تۇنجى شىنجاڭ سىنىپلىرى ئېچىلىپ دەسلەپكى يىللىرى 1000 نەپەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىشانى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. خىتاي 12 بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرغىچە شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ 10 مىڭغا يەتكۈزمەكچى ئىكەن. نۆۋەتتە شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلىنغان، خىتاي شەھەرلىرىنىڭ سانى 40 بولۇپ كۈزدە 44 كە يېتىدىكەن. شىنجاڭ سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان خىتاي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ سانى بولسا 76 دىن 85 كە كۆپەيتىلىدىكەن. نۆۋەتتە خىتايدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 27 مىڭ بولۇپ 90% ئىدىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن قوبۇل قىلىنغان دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئەھۋالى
بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە 2004-يىلى ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىمۇ پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرى تەسىس قىلىنىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرى پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپتا تەربىيىلىنىشكە باشلىغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ خىتايدا ئېچىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى تولۇقلاشنىڭ ئالدىنقى بازىسى بولۇپ قالغان. خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىغا دائىر ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىمۇ كۈچەيتىدىغان بولۇپ، 2014-يىلىغا بارغاندا 10 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دائىرىلەر نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى چەت، ياقا رايونلاردىن قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى كۆپەيتىدىكەن. ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 8 نۆۋەتتە جەمئىي 35 مىڭ 200 نەپەر يەرلىك مىللەت بالىلىرى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار 16 مىڭ 200 گە يېتىدۇ. بۇ خىل سىنىپلارنى ئاچقان شەھەر 11 گە، مەكتەپلەر 22 گە يېتىدۇ. بۇ كۈزدە فۇكاڭ شەھىرى كۆپەيتىلىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئاچقان شەھەر 12 گە مەكتەپ 25 كە يەتكۈزۈلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغىچە شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس تەشۋىقاتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە ئۆز يۇرتلىرىدا شىنجاڭ سىنىپى تەشۋىقاتى قىلىشنى ۋەزىپە قىلغان ھەمدە جايلاردىكى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى، تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى بۇ خىل تەشۋىقىي لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە تەشكىللىگەن.
زىيالىيلار: «بۇ، خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى....»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت پەرزەنتلىرىنى ئۆز يۇرتى، ياشاش مۇھىتى، ئاتا ئانىسى، تىلىدىن ئايرىپ ياقا يۇرت، يات مەدەنىيەت ۋە يات تىل مۇھىتىدا، پۈتۈنلەي خىتايچە تەربىيىلەيدىغان بۇ خىل مائارىپ تەدبىرى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە، ئۇلار بۇ خىل، تەبىئىي ئىنسان تەربىيىلەش سىستېمىسىغا ۋە مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپ تەدبىرنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئىرقىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سىياسەتنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە تۇيماقتا، بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىدۇر.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى مائارىپ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ تارماقلىرى ھازىرمۇ يېزا-كەنتلەردە، ناھىيە-بازار، كوچا-مەھەللىلەردە كىشىلەر توپلىشىدىغان ئورۇنلاردا،ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە مەسلىھەت سوراش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.