شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى


2008.02.04

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 3 - فېۋرال شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى ۋە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئەينى چاغدا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ قاتناشچىلىرىنىڭ بىرى بولغان، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ھازىر شۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئادىل ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ جەريانى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتتى. ئادىل ئەپەندى ئۆز سۆزىدە يەنە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى قانداق باستۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

پائالىيەت قاناشچىلىرى غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوز ‏- ئارا سۇئاللار سوراشتى. پائالىيەت ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئەپەندى بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.