گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا

ئالدىنقى ھەپتە شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىدە گۇئانتانامو تۈرمىسىسدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ھازىر شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئادىلنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى ھەققىدە مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2008.12.15
ﺋﺎﻟﺒﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻫﯧﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo

ئادىل ۋە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ قىزغىن مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،  2005 - يىلىدىن بىرى بۇلارنى شىۋېتسىيىگە قوبۇل قىلىش مەسىلىسى بۇيىچە تالاي قېتىم بەس - مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى، بولۇپمۇ ئادىلنىڭ ئالبانىيىدىن شىۋېتسىيىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى.

شۋېتسىيە سىياسەتچىلىرى ۋە ئاخباراتلىرى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئىچىدە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى شىۋېتسىيىگە قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلارنى ئەڭ بالدۇر كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ ، ئەمما شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار شۋېتسىيە قانۇنى بۇيىچە پاناھلىق تىلەش شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغانلىقى ياكى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇساپىر سالاھىيىتى بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن شىۋېتسىيىگە قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

ئادىلنىڭ شىۋېتسىيىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى بىلەن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم سىياسەتچى، ئادۋوكات ۋە تەھلىلچىلەر ئەگەر ئادىلنىڭ پاناھلىق ئىشلىرى شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيىگە كېلىشىگە يېشىل چىراق يېقىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ قارىغان ئىدى. ئەمما شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئادىل مەسىلىسىگە ئىجابىي جاۋابتا بولماسلىقى بۇ مەسىلىنى قايتىدىن ئاخبارات يۈزىدىكى مۇنازىرىگە ئېلىپ كەلدى.

ئالدىنقى ھەپتە شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت مۇنازىرىسىدە ئادىل ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيىدە قېلىش ئارزۇسىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئالبانىيىدىكى تۇرمۇشى ھەققىدە توختىلىدۇ.

شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى سىياسىيونلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادىلنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىگە قامىلىشىنىڭ جەريانى ۋە ئۇ يەردە بىگۇناھ ھالدا 4 يىللىق ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۆزىلا شىۋېتسىيىدە سىياسىي پاناھلىق ئېلىشىغا چوڭ سەۋەب بولالايدىكەن، ھېچ بولمىغاندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشكەن مۇساپىرلاردەك مۇئامىلىگە ئېرىشىش ئىمكانى بار ئىكەن. بىراق شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 5 ئۇيغۇر ئاللىقاچان ئالبانىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلەپ، پاناھلىقى ئۇ يەردە قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شىۋېتسىيىنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىدىكى تارماق ماددىلار ئادىلنىڭ شىۋېتسىيىدە سىياسىي پاناھلىق ئىگە بولۇش سالاھىيىتىنى چەتكە قاقىدىكەن.

مۇنازىرىگە قاتناشقان كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ خادىمى مۇنداق دەيدۇ: "ھازىرقى قانۇن بۇيىچە ئادىلغا سىياسى پاناھلىق بېرىش مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر ئادىلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا شىۋېتسىيىنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ھازىر ئادىلنىڭ شىۋېتسىيىدە قېلىشىنىڭ پەقەت بىرلا يولى بار ،ئۇ بولسىمۇ توي قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش." بىراق ئادىلنىڭ شىۋېتسىيىگە كېلىشىگە كۆپ كۈچ چىقارغان ئادۋوكات ستېن ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ:ئەمەلىيەتتە ئادىل قاتارلىق 5 ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان ئەمەس، ئۇلارنى ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانلىرى مەجبۇرىي ئالبانىيىگە ئەكىلىپ تاشلىغان، ئۇلار ئالبانىيىدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىغا قول قويۇشقا مەجبۇرلانغان."

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە شۋېتسىيە پارلامېنتتىدا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بۇيىچە بىر قېتىم مۇنازىرە بولۇپ ئۆتمەكچى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.