خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش


2007.12.10

10 ‏- دېكابىر خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى كۈنى بولۇپ، 1948 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش قوشۇشى بىلەن ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى 48 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 8 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن ھېچقانداق قارشى ئاۋازنىڭ بولماسلىقىدەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللانغان ئىدى.

خۇددى ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ بىرىنچى بابىدا "دۇنياغا بارلىق ئىنسانلار ئەركىن، تەڭ قىممەتتە، ئوخشاش ھوقۇق بىلەن تۇغۇلىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگىنىدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيادىكى مۇستەبىت، دىكتاتور ھاكىمىيەت ئاستىدا تەڭرى ئاتا قىلغان تەبىئىي ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى تونۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى ئۈچۈن بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، 10 - دېكابىرنى "خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى كۈنى" قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

10 - دېكابىر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان خەلقلەر ئۈچۈن پەقەت "خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى كۈنى" بولۇپلا قالماي يەنە، دۇنيادىكى بۈيۈك مۇكاپات "نوبېل مۇكاپاتى"نىڭ ئىگىسى بولغان "نوبېل كۈنى"دۇر. بۇ كۈنى شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدىكى نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتى، نوبېل مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتى ۋە شىۋېتسىيە خان جەمەتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 3 مىڭ كىشى قاتناشقان داغدۇغۇلۇق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ،نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى شەخىسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. مۇكاپات مېدالىنى شىۋېتسىيە پادىشاھى كارىل گوستاۋ 16 ئۆز قولى بىلەن تارقىتىدۇ.

10 - دېكابىر بۇ بۈيۈك ئالىم نوبېلنىڭ ۋاپات بولغان قايغۇ كۈنى بولۇپ، بۇ كۈننى شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان خەلقلەر ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ئۇيغۇرلار 10 - دېكابىردا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ،ھەر يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

بۈگۈنكى كۈن يامغۇرلۇق كۈن بولسىمۇ، شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللار بىرلىشىپ، سادالار ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. نامايىش سائەت 12 دە باشلانغان بولۇپ،سا ئەت 2 دە ئاخىرلاشماقچى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلار نامايىش شەكلى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.