شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان قەشقەر باسما ماتېرىياللىرى

شىۋېت مىسسئونېرلىرى قەشقەردە شۇ دەۋىرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىدىكى باسما زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىلگىرى شەرقى تۈركىستاندا بىرمۇ باسما زاۋۇتى يوق بولۇپ، كىتاپلار قولدا يېزىلىپ ۋە كۆچۈرۈلۈپ ئەسلى ئورگىنالى بۇيىچە سېتىلاتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ " ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯘﺭﻛﻰ " ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ " ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯘﺭﻛﻰ " ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ناھايتى ئاز ساندىكى تاش مەتبە بۇيۇملىرى تاشكەنت،سەمەرقەنت ۋە بۇخارالاردىن ئىمپورت قىلىنىپ بازارلاردا سېلىتاتتى.

شىۋېتسىيە مىسسئونېرلىرىنىڭ قەشقەردىكى بازىسىدا خزمەت قىلغان لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى گوستاۋ راكېت بىر ماتېرىيالدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "شەرقى تۈركىستاندا كىشىلەر ئوقۇغىدەك تۈزۈكىرەك كىتاب يوق ئىدى، كىتاب ھېسابلانغانلارنىڭ ھەممىسى قولدا يېزىلغان يازمىلار ئىدى، بۇ يەردە بىرەر گېزىتنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇ يەردە كىتاب باسقىدەك تاش مەتبە تېخنىكىسىمۇ يوق ئىدى."

بىر قېتىم نۇرئاخۇن ئىسىملىق بىر شەرقى تۇركىستانلىق تاش مەتبە زاۋۇتى قۇرۇش ئۈچۈن ھىندىستاندىن تاش مەتبە ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كىلىدۇ ۋە قەشقەردە ئىككى كىتاب باسىدۇ، بىراق باسقان كىتابىنىڭ سۈپىتى بەك ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستانغا يەنە تېخنىكا ئۆگەنگىلى كىتىدۇ. ئۇ ھىسندىستاندىن قايتىپ كىلىپ يەنە ئىككى كىتاب باسىدۇ، بۇ كىتابى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولىدۇ، بىراق تەننەرقى بەك قىممەت بولۇپ كەتكەشكە ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزىنى ئوڭشاشقا قۇربى يەتمەي نامراتلىشىپ كېسەل بولۇپ ،ئازاپ بىلەن ئۆلۈپ كىتىدۇ."

مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا شىۋېت مىسسئونېرلىرى قەشقەردە بىر باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى قارا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باسما زاۋۇتى ئەسلىھەلىرى 1910 - يىلى تاماملىنىپ، 1912 - يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشىدۇ. قەشقەردىكى بۇ باسماخانا تاكى 1938 - يىلى شىۋېت مىسسئونېرلىرى قەشقەردىن ئايرىلغىچە خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ شىۋېت مېسسئونېرلار باسما زاۋۇتىنىڭ تۆھپىلىرىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېگەن ئىدى: "قەشقەردىكى باسما زاۋۇتى بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستانلىق ياش يازغۇچى ۋە نەشىرىيات - باسما خادىملىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە تۈرتكە بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىگىمۇ كۆپ مەنپەت يەتكۈزدى."

ئۇلارنىڭ بۇ 26 يىل جەريانىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تونۇشىغا ۋە تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ ماتېرىياللار بۈگۈنكى كۈندە " قەشقەر باسما بۇيۇملىرى " دېگەن نام بىلەن شىۋېتسىيىنىڭ ھەر خىل ئارخىپخانىلىرىدا قىممەتلىك ماتېرىياللار سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تارىخى رېئاللىقىنى، سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ، مەدەنى ۋە مەنىۋىي قىياپىتىنى يورۇتۇپ بېرىشتە كام تېپىلىدىغان قىممەتلىك ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ. قەشقەر باسما ماتېرىياللىرى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىۋاتقان بۇ ماتېرىياللارنى باسقان شىۋېت مىسسئونېرلىرىنىڭ باسما زاۋۇتى دەسلەپتە قۇرۇلغاندا دىنىي كىتابلارنى بېسىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كىيىنچە بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان.

ئۇلار كېيىنچە باسما زاۋۇتىدا بېسىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇنى تۈرلەرگە ئايرىغاندا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. خاس دىنىي باسمىلار . بۇ ئىنجىل ۋە ئىنجىلگە مۇناسىۋەتلىك دىنىي ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. دەرسلىك كىتابلار. دەرسىلىك كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى شىۋېتسىيە باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە چوڭلار مائارىپىدا قوللىنىۋاتقان دەرسلىكلەرنىڭ نۇسقىلىرىغا ئاساسەن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تەدبىقلاپ نەشر قىلىنغان .مەسىلەن "شەرقى تۈركىستان تىلىنىڭ رەسىملىك ئېلىپبەسى،" "شەرقى تۈركىستان تىلى گېرامماتكىسى، "ھېساب،" "قوللىنشچان گىئومېتىرىيە،" "جۇغراپىيە،" "ئاناتومىيە،" "تەبىئەت،" ئېنگىلىزچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت" ، "تۇرمۇش بىلىملىرى،" "كەشتىچىلىك،" "يىپەك ئىشلەپچىقىرش تېخنىكىسى،" " سالام خەت يېزىش قوللانمىسى" قاتارلىقلار.

3. ئەدەبى ئەسەرلەر .ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېنگلىز، ئەرەب، شىۋېت تىللىرىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان . مەسىلەن "ھەسەننىڭ ئۆيى،" "جىرىڭلىمايدىغان تىللا،" " سەھرايى كەبىردە ئېزىققان ئىككى بىر تۇققاننىڭ ھېكايىسى،" " بوساغا ۋە بولۇڭ،" " بۇلبۇلنىڭ ھېكايىسى." بۇلاردىن سىرت ئۇلار يەنە، شىۋېتسىيىلىك نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئايال يازغۇچى سېلما لاگېروفنىڭ "مۇقەددەس فرانسىسكو،" "يەتتە خىل جان ئالغۇچى جىنايەت" ، لېۋىس ۋاللېسنىڭ" بېن خۇر" دېگەن ھېكايىلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ،بېسىپ تارقاتقان.

4. تارىخى ئەسەرلەر. مەسىلەن "قەدىمقى زامان تارىخى،" "ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى،" " ئىسرائىلىيە تارىخى،" " قەدىمقى يادىكارلىقلار تارىخى" قاتارلىقلار، بۇ تارىخى ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسمى بېسىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ ، بىر قىسمىنى بېسىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن.

5. گېزىتلەر. ئەينى چاغدا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر قىسىم گېزىتلەر مۇشۇ باسماخانىدا بېسىلغان. مەسىلەن: ئىستىقلال گېزىتى، " شەرقى تۈركىستان ھاياتى،" "ئەركىن تۈركىستان،" "يېڭى ھايات ھۆرىيىتى،" "يارۇقلۇق ئالتە شەھەرنىڭ روزىنامىسى" قاتارلىقلار.

6. بانكا چېكى،سىياسى تەشۋىقات ماتېرىياللىرى، ھەر خىل ئىلانلار، ساياھەت ئاتكېرىتكىسى، پاسپورت ۋە ھەر خىل تالونلار . باسما زاۋۇتىنىڭ بىر قېتىملىق ستاتىستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن 42800 دانە پاسپورت بېسىپ بەرگەن.

7. كالىندار . شىۋېت مىسسئونېرلىرى 1908 - يىلدىن باشلاپ "شەرقى تۈركىستان يىلنامىسى "نامىدا كالىندار بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، بۇ كالىندار تاكى 1938 - باسما زاۋۇتى ئىشتىن توختىغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملىق نەشر قىلىنىپ تۇرغان.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللار شىۋېتسىيىدىكى ھەر قايسى كىتابخانا ۋە ئارخىپخانىلاردا ساقلانماقتا. مەن بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ستوكھولىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىتابخانىسىدا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ئىدىم.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت