شىۋېتسىيدىكى ئۇيغۇرلار 6 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

بۈگۈن، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 6 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.10.13
Shiwetsiyide-6-Uyghur-olumi-uchun-namayish-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 6 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Yalkun

نامايىش چۈشتىن كىيىن سائەت 2 دە باشلاندى. گەرچە سىرت سوغاق ۋە شاماللىق بولسىمۇ، نامايىشچىلار بار ئاۋازى بىلەن شۇئار توۋلاۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى.

بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا كرىست دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوتتو ۋون ئارنال ئەپەندى ۋە يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت كاپلان ئەپەندىلەر قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.