شىۋېتسىيىدە "ئۇمىد يۇلتۇزى"2 نامىدا چاتما پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ستوكھولىمدا "ئۇيغۇرستان" پۇتبول كوماندىسى بىلەن نورۋىگىيە ئۇيغۇر ياشلىرى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئالدىنقى يىلى نورۈۋىگىيىدىكى ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدا باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل شىۋېتسىيىدىكى "ئۇيغۇرستان" پۇتبول كوماندىسى ساھىپىخانلىقنى ئۈستىگە ئالغان.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2010.07.05

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا سىمۋول قىلىنغان كىيىم كىيگەن قىزلارنىڭ باشلاش ئۇسۇلى بىلەن مەيدان ئېچىلدى. ئارقىدىن كۈرەش كۆسەن ئىجادىيتىدىكى "شەرقى تۈركىستان مارشى"نىڭ سادالىرى ئىچىدە ئىككى دۆلەت كوماندىلىرى مەيدانغا كىرىپ كەلدى.

مۇسابىقە داغدۇغا، ھاياجان ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى. دوستانە، ئەمما جىددىي ۋە كەسكىن ھالەتتە توپ ئويناۋاتقان ئەزىمەتلەرنىڭ ماھارەتلىرى توپ كۆرەرمەنلىرىنى ھاياجانغا سالغان ئىدى.

مۇسابىقىنى كۆرۈشكە شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت نورۋىگىيىدىكى توپ مەستانىلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا، ياشلا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى غەيۇر قۇربان قاتارلىقلارمۇ ئشتىراك قىلدى. غەيۇر ئەپەندى مۇسابىقە كۈرۈۋېتىپ ھاياجېنىنى ئىپادىلىدى.

بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ساھىپخانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان "ئۇيغۇرىستان" كوماندىسىنىڭ ئاساسى بىر قانچە يىللار ئىلگىرى باشلانغان بولۇپ، بۇ كوماندا بىر قانچە يىلدىن بېرى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان مىللەتلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كىلىۋاتقان ئىدى. بۇ كوماندا بۇ يىل شىۋېتسىيە پۇتبول جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئەنگە ئېلىنىپ، پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ پەسىللىك ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقىگە قاتناشماقتا. "كورپېن لوڭقىسى" نامىدىكى بۇ گۇرۇپپىىدا جەمئى 8 كوماندا بولۇپ "ئۇيغۇرىستان" كوماندىسى 7مەيدان مۇسابىقىدە 46 توپ كىرگۈزۈپ يېڭىلمەس كوماندا نامىدا بۇ گۇرۇپپىدا - 1 ئورۇندا تۇرماقتا.

http://www4.idrottonline.se/templates/PageWide.aspx?id=461970

كەچتە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدا پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەزالارنى مۇكاپاتلاش، شىۋېتسىيە دۆلەتلىك كوماندىلىرى نامىدا ھەر خىل خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن چېلىش ماھىرى، شاھمات ماھىرىلىرىنى تونۇشتۇۇش ۋە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.