شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ روزا ھېيتلىق پائالىيتىگە ئىشتىراك قىلدى

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى رۇزا ھېيتلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى، ھەرقايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئاڭلاتقان ئىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن
2012.08.24
shiwitsiye-dolet-ministiri-erin-ullenhag-duq-heyet-305.jpg شۋېتسىيە دۆلەت مىنىستىرى ئېرىن ئۇللەنھاگ دۇق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى. رەسىم سولدىن ئونغا: مەمەت توختى، شۋېتسىيە دۆلەت مىنىستىرى ئېرىن ئۇللەنھاگ، دۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، يېشىللار پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت قاپلان. 2011-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim


بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، جەمئىيەت رەئىسى نىجات تۇرغۇن پائالىيەت داۋامىدا بىر قىسىم مىنىستىرلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا مۇيەسسەر بولغان.

پائالىيەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نىجات تۇرغۇن پائالىيەتتىكى ئۇچرىشىشلاردىن مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.