تۈركىيىنىڭ كاستامونۇ ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى


2006.09.11

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى كاستامونۇ خەلقىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈردى. 9 - ئاينىڭ 8 – 9 - ۋە 10 - كۈنلىرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 5 - نۆۋەتلىك تۈركىيە ساياھىتىنى ئېلىپ باردى. ئۇلار بۇ يىلقى ساياھىتىنى 50 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن تۈركىيىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان كاستامونۇ ۋىلايىتىگە ئېلىپ بارغان بولۇپ، 3 كۈن جەريانىدا ئۇلار كاستامونۇ ۋالىسى، شەھەر باشلىقى ۋە ھەرقايسى سىياسى پارتىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. ئۇلار يەنە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى تېمىسىدا يىغىنلار ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كەڭ كۆلەمدە يەر ئالغان.

بىز كاستامونۇ ساياھىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ۋە بۇ ساياھەتكە قاتناشقان ۋەتەندىن يېڭى چىققان جوئۇرنالىست ۋارىسجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.