
7-ئاينىڭ 30-كۇنى ئەنقەرەدىكى ئالدىنو مېھمانخانىسىدا مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىمۇ مۇكاپاتلاندى. بۇ مۇكاپات تۈركىيىدە 17 يىلدىن بۇيان نەسر قىلىنىۋاتقان بۈيۈك ئانادولۇ گېزىتى، يەنى بۈيۈك ئاناتولىيە گېزىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇۋاپىقيەتلىك ۋە توغرا ئىستىل بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن شەھەرلىك ۋە يەرلىك ھوكۇمەتلەرگە، شىركەتلەرگە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مەكتەپلەرگە بېرىلىدىكەن.
ئەنقەرەدىكى ئالدىنو مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن كوپ ساندا كىشى قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىگە بېرىلگەن مۇكاپاتى شۆبە باشلىقى خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئالدى.
بۈيۈك ئانادولۇ گېزىتىنىڭ ئىگىسى بەختىيار ئۆزگۈر ئەپەندى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشتىكى مەقسەت ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ئاناتولىيەدىكى ھەر قاتلام ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا، ئىش ئادەملىرىگە دۇرۇس ئىش قىلغانلىقى شۇنداقلا مۇۋاپىقىيەتلىرى ئۈچۈن شەرەپ مۇكاپاتى بەردۇق. بىز بۈگۈن جەمى 41 ئورۇن ۋە شەخسكە مۇكاپات بەردۇق. بىز بۇ مۇكاپاتنى بېرىشتىن بۇرۇن بىر كومىسسىيون قۇرۇپ ئۇزۇن ۋاقىت تۈركىيىدىكى ھەرقايسى قۇرۇلۇش ۋە شەخىسلەرنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى بېكىتىپ چىقتۇق.
بەختىيار ئۆزگۈر ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىگە مۇكاپات بېرىشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تۇتۇلۇپ مۇنداق دېدى:
ھەممدىن ئاۋال بىز تۈركلىكنى سۆيىمىز. ئۇيەردە تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئېزىلسە مەن بۇ يەردە تۇرۇپ قانداقمۇ راھەتتە ياشىيالايمەن. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دەردىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆردۇق.
مۇكاپاتكا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە ئافيون ۋىلايىتى دىنار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مۇستافا تارلاجى ئەپەندىمۇ بار ئىدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلگەنلىكىنىڭ ئالاھىدە دىققەت تارتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز يىللاردىن بۇيان چېكىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىشكەنجىلىرىنى بىرلىكتە ياشاۋاتىمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە ياشىشىمىز ئۇلارنىڭ جاپالىرىنى بىلىش ئۈچۈن بىر توسالغۇ ئەمەس. بىزنىڭ قەلبىمىز ئۇلار بىلەن بىرلىكتە. ئۇلارنىڭمۇ بىركۈن قۇتۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. بىز ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتايدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھەر ساھەدە كەمسىتىشكە ئۇچراۋېتىپتۇ. بىزنىڭ شەھەردىمۇ ھەرخىل مىللەتلەر بار. ئەمما بىز ھېچبىر ۋاقىت ئۇلارغا ئايرىمىچى سىياسەت ئېلىپ بارمايمىز. شۇڭا مەن بىر شەھەر باشلىقى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.