شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2012.10.26
iptar-shwetsiye-parlament-305.jpg شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرغان ئىپتار پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 15-ئاۋغۇست.
RFA/Yalqun

ھېيت نامىزىغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى تەكلىماكان ئىسلام دىنى مەدەنىيەت مەركىزىدىن ئۆمەر مەخسۇم ئىمامەتچىلىك قىلدى. نامازنىڭ قۇتبىسى قۇربان ھېيتنىڭ خاسىيىتىگە بېغىشلانغان بولسا، دۇئاسى ئاسارەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا بېغىشلاندى.

شۋېتسىيىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم مەسچىتلىرى بولۇپ، ناماز قۇتبىسىنى ئۆزلىرى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تىلىدا ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۆز ئالدىغا يىغىلىپ ھېيت نامىزى ئوقۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان ئىدى. بىرقانچە يىلدىن بۇيان شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇش شارائىتىنى ھازىرلاپ كەلمەكتە.

بىز شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن ئابدۇللاھنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.