شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2006.06.09
رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بەش كىشىلىك ھەيئەت تەشكىللەپ، شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان، شۋېتسىيىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرى خادىملىرى، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنسان ھېلىقى پائالىيەتچىلىرى قاتناشقان "دۇنيادىكى ئادەم سودىسى" تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە تەييارلانغان ماتېرىياللارنى تارقاتقان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن نارازى بولماقتا
- شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر قىزى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا
- ئۇيغۇر داۋاسى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردىمۇ؟
- د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى
- كانادا ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى