شۋېت تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى تىببىي كىتاب : «ئىلمىي تەبىئەت»

20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان شۋېت مىسسيونېرلىرى قەشقەردە باسما زاۋۇتى قۇرۇپ بىر قىسىم دىنىي كىتابلارنى نەشر قىلغاندىن سىرت، ئەدەبىيات، تارىخقا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ۋە بىر قىسىم دەرىسلىك كىتابلارنىمۇ نەشر قىلغان ئىدى.

2013.01.11
shiwetsiye-uyghur-karvan-kitab-305.png 1935 - يىلى ستوكھولىمدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نەشىر قىلىنغان «كارۋان» دېگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
RFA/Yalqun


بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى شۋېت ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلىپ، شۋېتسىيىدە نەشر قىلىنغان كىتابلار بولۇپ، بۇلارنى شۋېت مىسسيونېرلىرى شۋېت تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. دەرىسلىك كىتابلارنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇر تىلى گىراماتكىسى»، «ئاناتومىيە»، «ئىلمىي تەبىئەت» دېگەن كىتابلار بار.

«ئىلىمىي تەبىئەت» دېگەن بۇ كىتابنىڭ ئەسلى نۇسقىسى - 1902يىلى شۋېتسىيىدە نەشر قىلىنغان «تەبىئىي پەن ئوقۇشلىقى» دېگەن كىتاب بولۇپ، بۇ كىتاب ئەسلىدە شۋېتسىيىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلىقى ئىدى.

قەشقەردە تۇرغان شۋېت مىسيونېرلىرىنىڭ ئىچىدە گۇننار ياررىڭغا ئۇستاز بولغان گوستاۋ راكېتتەك ئۇيغۇر تىلىغا پۇختا ئۇيغۇرشۇناسلار بولغاندىن سىرت يەنە، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ئۇيغۇر تىلى تەرجىمە گۇرۇپپىسى بار ئىدى. بۇ كىتابنى ئەنە شۇ تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى ئوسكار ھېرمانسون ۋە گوستاۋ ئالبېرتلار بىرلىكتە شۋېت تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. ھابىل، ئەخمەت نىياز قاتارلىق ئۇيغۇرلار تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ھابىل ئەسلى يەكەنلىك ئۇيغۇر بولۇپ، خوتەن قوشۇنلىرى يەكەننى ئالغاندا ئەمىر ئابدۇللا تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان.

بۇ كىتاب - 1933يىلى قەشقەر باسمىخانىسىدا مىڭ دانە بېسىلىپ جەمئىيەتكە تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كەتكەن، تاكى ھازىرغىچە بىرەر نۇسقىمۇ بايقالمىغان. بۇ كىتابنىڭ ھازىر شۋېتسىيىدە بىرقانچە نۇسقىسى بولۇپ، بۇلارنى لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدىكى «گۇننار ياررىڭ قوليازما ساقلانمىلىرى»، ستوكھولىم ئوۇىۋېرسىتېتى «گۇننار ياررىڭ كۇتۇپخانىسى» ۋە «شۋېتسىيە مىسسىيونېر ئارخىپخانىسى»دىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

«ئىلمىي تەبىئەت» ناملىق بۇ كىتاب جەمئى ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلىكى ئادەملەرگە، ئىككىنچى بۆلىكى ھايۋانلارغا بېغىشلانغان. كىتابتا ئادەم ئاناتومىيىسىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار تەپسىلىي بىرىلگەن بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى، ھەرىكىتى، ئىقتىدارى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتىلىشى خېلى مۈكەممەل سەۋىيىدە ئىزاھلانغان. بولۇپمۇ بۇ كىتابتا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىپىدە كام ئۇچرايدىغان، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەل ۋە ئىخچاملىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر قىسىم قىممەتلىك تىببىي ئاتالغۇلار ئۇچرايدۇ.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت مەكتىپىدە ئوقۇغان ئابدۇشۈكۈر سامساق ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

كىتاب بەدىئىي نوقتىدىن ئالغاندا بايان، تەسۋىرلىرى مۇكەممەل، تىلى گۈزەل، كونكرېت، ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تببىي ئىلىم ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە قىلغاندىن سىرت، شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.