سىچۇەندە ھۆكۈمەت بىلەن مۇخبىرلار ئارىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى

گەرچە 12 - مايدا يۈز بەرگەن سىچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ يەر تەۋرەش ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلار، مۇنازىرىلەر تېخى تۈگىگىنى يوق. بۇ ئاپەت يەنە نۇرغۇنلىغان سىرلارنى يوشۇرۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جاۋاب تېپىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-05-11
Share
Police0612_sichuan-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺩﯗ ﺟﻴﺎﯓ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯩﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسگە ھاياجان ئىلكىدە تەييارلىق قىلىۋاتقان 2008 - يىلىنىڭ 12 - ماي كۈنى يۈز بەرگەن بۇ يەر تەۋرەشتە ئېغىر چىقىم مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ 67 مىڭ 712 كىشى، يارىلانغانلارنىڭ 17 مىڭ 921 كىشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرى تا يېقىنغىچە يەر تەۋرەشتە زادى قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بەرمەي كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان تالاش - تارتىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ھۆكۈمەت يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئاخىرى 5مىڭ 335 دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بۇ يەر تەۋرەش ئاپتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىنساننى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە جىق بولۇشى، خىتايدىكى مۇھىم بىر مەسىلە بولغان پارىخورلۇق قىلمىشىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئاپەتتە ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ كۆپى ھۆكۈمەت بىنالىرى بولۇپ، ئاپەتتە يەنە 11 مىڭ 687 مەكتەپ بىناسى چۆكۈپ كەتكەن ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. يەرلىك خەلق بولسا بۇنى پارىخورلۇق يۈزىدىن سۈپەتسىز بىنالارنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈرشتىن ئۆتكۈزۈلۈشى نەتىجىسىدە بولدى، دەپ قارىماقتا. ب ب س' نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي پۇقرالىرى غەرب مۇخبىرلىرىغا: خىتاي دۇنيا كۈن تەرتىپىگە پەقەت يا بىر ئاپەت، ياكى بولمىسا بىرەر بولۇمسىز ۋەقە بىلەنلا كېلىۋاتىدۇ، ئەسلىدە غەرب مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى كۆپرەك خەۋەر قىلىشى ۋە ئۇلارنى پاش قىلىشى كېرەك ئىدى، دەپ دەرت ئېيتقان.

گەرچە ئاپەتتە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ پارىخورلۇق نەتىجىسدە سۈپەتسىز ياسالغان مەكتەپ بىنالىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ قىلىپ ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر مەكتەپنىڭ ئۆلچەمسىز ماتېرىيال ئىشلىتىپ سېلىنغانلىقىغا ئائىـت بىر پاكىت تاپالمىغانلىقىنى ۋە يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشكە داۋام قىلىدىغانلىقلىرىنى، ئەگەر بىرەر پاكىت تاپسىلا چوقۇم ئۇ قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ جازالاندۇرۇلىدىغانلقىنى دەپ كەلمەكتە.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەت يۈر بەرگەندە چەتئەلنىڭ ياردەملىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپەتنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىگە يېقىنلىشىۋاتقان كۈنلەردە بولسا بۇ رايونلاردا قاتتىق چەكلىمە يۈرگۈزگەن. مۇخبىرلارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ،غەرب مۇخبىرلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا سۈركىلىشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ شىڭفېي بايانات بېرىپ،" بۇ يەرگە كېلىۋاتقان غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ بەزىلىرى پۇقرالارنى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىللەش ۋە ئۇلارنى كۈشكۈرتۈش بىلەن شۇغۇللانماقتا،" دەپ مۇخبىرلارنى ئەيىبلىگەن. ئۇ بۇ مۇخبىرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولۇپ، سۆزىدە يەنە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مۇخبىرلارغا قارشى قانۇنغا ئاساسەن ئىجرا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دېگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىمۇ بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، سىچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ بىر يىللىقى توشقان مۇشۇ كۈنلەردە غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ جېنىدىن جاق تويغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنسىز تۇتۇلغانلىقىنى، ھەتتا تاياق يېگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنداقتا سىچۇەن ئاپىتىنىڭ بىر يىللىقىدا نېمىشقا ھۆكۈمەت بىلەن مۇخبىرلار ئارىسىدا توقۇنۇش شۇنچە كەسكىن بوپ كەتتى، خىتاي نېمىشقا بىر يىللىق خاتىرە ۋاقتىدا بۇنداق ئەنسىرەشكە چۈشۈپ قالىدۇ؟

ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، سىچۇەندىكى ئاپەتتە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان يەرلىك خەلقنىڭ بىردىن - بىر ئارزۇسى مەكتەپلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەن. پارىخورلۇق قىلمىشلىرى چەمبەرسىمان مۇناسىۋەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن خىتايدا بۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئوتتۇرىغا چىقامدۇ - چىقمامدۇ مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە بۇنچە ئالاقزادە بوپ كېتىشىمۇ بۇ ھەقىقەتنىڭ ئاسانلىقچە ئوتتۇرىغا چىقمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.

خىتاي ھازىر مۇخبىرلارنى تەشكىلىي ھالدا ئاپەت رايونىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا ئاپەتتىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان ئىكەن. رەسمىي رەقەملەرگە قارىغاندا، يەر تەۋرەشتىن كېيىن رايونغا 32 دۆلەت ۋە رايوندىن جەمئىي 1700 دىن ئارتۇق مۇخبىر بارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇخبىرلار پەقەت يەرلىك خەلق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىنتايىن ئاز ئېرىشكەن، ئۇلارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇ يەردە قىلىۋاتقان سەھىيە ۋە قۇرۇلۇش خىزمەت تەشۋىقاتلىرىنى كۆرۈشلا نېسىپ بولغان.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت