ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى نۇرغۇن سىرلىق ۋەقەلەر بىلەن تولغان. بۇ سىرلىق ۋەقەلەرنىڭ قاتارىدا مەشھۇر ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ ئۆلۈملىرىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەگ مۇنونوپ قاتارلىقلارنىڭ ئاتالمىش ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن قازا قىلىشى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتە قايىل بولغىدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكى مەلۇم.
تارىخ 90-يىللار ۋە 2000-يىللارغا كەلگەندە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەت قىلغان، شۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە تونۇلغان بىر قانچە نەپەر ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەربابلىرىمۇ سىرلىق تۈردە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۆزبېكىستانلىق ئاتاقلىق يازغۇچى ئەمىن ئوسمان، قىرغىزىستانلىق جامائەت ئەربابى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى نىغمەت بوساقوف، قازاقىستان نازۇگۇم فوندىنىڭ رەھبىرى دىلبىرىم سامساقوۋا شۇنىڭدەك ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھاشىر ۋاھىدى ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئەربابلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى تېخى ھازىرگىچە ئېچىلمىغان، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە چىقىرىلغان يەكۈنلەر ئۇيغۇر جامائىتىنى قايىل قىلالمىغان.
شۇنىڭغا ئوخشاش موسكۋادا ئوقۇپ ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، رۇسىيە ۋە پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىگە مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ناخشا چولپىنى ۋە كومپوزىتور مۇرات ناسىروپنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىمۇ تېخى ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، پەقەت مۇراتنىڭ ئائىلە –تاۋاباتلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دوستلىرى، كۆزەتكۈچىلەر مۇراتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىغا ئىشەنمەي كەلمەكتە.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇراتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق ئىكەنلىكى يورۇتۇلغان. ھەتتا موسكۋا شەھەرلىك دەلولارنى تىببىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئورگىنىمۇ مۇراتنىڭ قېنىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ياكى ھاراق قالدۇقلىرى تېپىلمىغانلىقىنى جاكارلاپ، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مۇرات زەھەرلىك چېكىملىك تەسىرىدىن ئۆزىنى ئولتۇرۇۋالدى، دەپ چىقارغان يەكۈنىنى ئىنكار قىلغان. ئۇنداقتا مۇرات زادى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانمۇ ياكى باشقا نامەلۇم كۆرۈنمەس رەقىپلەر تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانمۇ ؟ مانا بۇ سوئال ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتە مۇراتنىڭ ئاكىسى قازاقىستان ئارمىيىسىنىڭ پەنسىيىگە چىققان پولكوۋنىكى نىجات ناسىروپ تېخى ھازىرغىچە مۇراتنىڭ ئۆلۈم سىرى ھەققىدە ئېنىق قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پات ئارىدا موسكۋاغا بېرىپ، سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"سېنىڭ كۈنىڭ" دەپ ئاتالغان رۇسىيە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15-مارت كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا مۇرات ناسىروپقا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
رۇسىيە گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە كونسېرتقا رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق چولپانلىرىدىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنىكوۋا شۇنىڭدەك "ئا –ستۇدىيە" دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ ئارتىستلىرى بولۇپ 40 نەچچە كىشى ئىشتىراك قىلغان. رۇسىيە تېلېۋىزىيىسى ئاتاقلىق رىياسەتچىسى بۇراتايېۋا كونسېرتقا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، رۇسىيە ۋە قازاقىستان چولپانلىرى مۇراتنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. رۇسىيە چولپانلىرى مۇرات ناسىروپقا بېغىشلاپ، پات ئارىدا موسكۋادا كونسېرت ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان.
رۇسىيە گېزىتى "سېنىڭ كۈنىڭ"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا مۇرات ناسىروپ قاتناشقان "ئا-ستۇدىيە" ناملىق گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سىرىنى بىلىدىغانلىقىنى، مۇراتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ گېزىتلاردا يېزىلىۋاتقاندەك بولماستىن باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سىرلارنى بۇ يىل 5-ئايلاردا نەشىر قىلىنىدىغان مۇرات ھەققىدە يېزىلغان كىتابتا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئالمۇتا ياشلىرى يەنە مۇراتنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
3-ئاينىڭ 19-كۇنى مۇراتنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقىغا ساق ئىككى ئاي بولدى. ( ئۈمىدۋار)
