ئاقسۇ ئاسمىنىدا كۆرۈلگەن سىرلىق ئوت پارچىسى

0:00 / 0:00

خىتايچە بوشۇن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا سىرلىق بىر ئوت پارچىسى كۆرۈلگەن. ئوت پارچىسى ئەتراپنى 10 سكونتچە يورۇتقاندىن كېيىن غايىپ بولغان. ئارىدىن 5 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندە، قاتتىق پارتلاش ئاۋازى ياڭرىغان. خەۋەردە سىرلىق ئوت شارى دەپ ئاتالغان مەزكۇر جىسىمنىڭ دىئامېتىرى 1 مېتىرچە كەڭلىكتە بولۇپ، بۇ جىسىم ئاقسۇدىكى پەن‏-تېخنىكا ساھەسىدىن كۆپ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

بۇ سىرلىق ئوت پارچىسىنى، كېچىدە توقسۇ ناھىيىسىنىڭ يانتاققۇدۇق مەھەللىسىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان، توقسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىر گۇرۇپپا قاتناش ساقچىسىمۇ كۆرگەن ، ئۇلار ئوت پارچىسىنىڭ ئېقىش نىشانىغا ئاساسەن تەخمىنەن ئىز قوغلاپ، توقسۇنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرىغا بارغان، ئەمما، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ئەتسى يەنى 28 ‏-دېكابىر سەھەردە، يۇلتۇزباغ بازارلىق ساقچى پونكىتىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ چارلاش ئېلىپ بارغان. ئەمما ھېچقانداق ئىز- دېرەك تاپالمىغان. بوشۇن تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە يەنە، بۇ ئوت پارچىسىنى ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدىن باشقا، باي ۋە كۇچا ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم ئاھالىمۇ كۆرگەن.

سىرلىق ئوت پارچىسى كۆرۈلگەنلىك خەۋىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خەۋەر قىلىنىپ-قىلىنمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئوت پارچىسىنى نەق پەيتىدە كۆرگەن بىر ئۇيغۇر ئايال، بۇ ھادىسىنىڭ ئاخباراتتا خەۋەر قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بولسا، تېلېۋىزور خەۋىرىدە كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما، ئاقسۇدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ ھادىسە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە ھەتتا بەزىلىرىنىڭ رەت قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سىرلىق ئوت پارچىسى خەۋىرىنى يوشۇرۇشقا، ھېچ بولمىغاندا كېڭەيتىۋەتمەسلىككە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

سىرلىق ئوت پارچىسىنى كۆرگەن بىر ئۇيغۇر ئايالمۇ كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن ئايانكى، ئاقسۇدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دىققىتى ئوت پارچىسىنىڭ سىرلىق كۆرۈنۈشى ۋە يورۇتۇشىغا ئەمەس، شىددەتلىك پارتلاش ئاۋازىغا مەركەزلەشكەن. پارتلاش ۋە پارتلىتىشقا قارىتا ھۇشيار تۇرۇش نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قانات يېيىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئەمما بۇ سەزگۈرلۈكنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىگە قەدەر كېڭىيىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ھاۋاسىدىكى تىنجىقلىقتىنمۇ بىشارەت بەرمەكتە. (شۆھرەت ھوشۇر)