شىۋېتسىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ۋە كۆرەش سۇلتاننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2007.11.12
10 - نويابىر كۈنى شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ۋە مەرھۇم كۆرەش كۆسەننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت گېرمانىيە ۋە گوللاندىيىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن، دولقۇن ئەيسا ، ئابلىمىت تۇرسۇن ، بەختىيار شەمشىدىن قاتارلىق ئون نەچچە مېھمان كېلىپ قاتناشتى. پائالىيەت تارىختىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىسسىق قانلىرىنى بەدەل قىلغان مىليونلىغان شىھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا ۋە شۇ شىھىتلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان كۈرەش سۇلتان ئەپەندىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.
پائالىيەت داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزگە چىقىپ تارىخى شەخسلەرنى ۋە تارىخى ساۋاقلارنى ئەسلەش بىلەن بىرگە ، ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قىممەتلىك بايلىق ۋە تارىخى پۇرسەت ھېسابلانغان رابىيە قادىر خانىمنى قەدىرلەشنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشۇشنى تەشەببۇس قىلدى.ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش سېكرىتارى دولقۇن ئەيسا ھازىر ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۈگۈنكى خاتىرە كۈنى ئۈچۈن ئەۋەتكەن سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە مېھمانلارغا مەلۇمات بەردى.
پائالىيەت داۋامىدا مەرھۇم كۈرەش سۇلتاننىڭ قەدىناس دوستى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى تەرىپىدىن رەتلىنىپ ئىشلەپ چىقىلغان مەرھۇم كۈرەش سۇلتاننىڭ سەنئەت ۋە سىياسى ھاياتىغا بېغىشلانغان "كۈرەش ئۆلمەيدۇ"ناملىق قىسقا فىلىم ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان شەرقى تۈركىستاننىڭ مەدەنىيىتى ۋە سىياسى تەقدىرى تەسۋىرلەنگەن بەدىئىي فىلىم كۆرسىتىلدى . پائالىيەت داۋامىدا يەنە كۈرەش سۇلتاننىڭ يېقىنلىرىدىن گېرمانىيىدىن كەلگەن زېىبىبۇللاھ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلاپ يازغان شېئىرىنى ئۇقۇپ ئۆتتى.
پائالىيەت كۈرەش سۇلتان ھايات ۋاقتىدا ئىجاد قىلغان بالىلار مارشىنىڭ تېكىستنى ئۇنىڭ پەرزەنتى كەۋسەر قاتارلىق بالىلارنىڭ ئورۇندىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. (يالقۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئانا ۋەتىنىگە تەلپۈنمەكتە
- تۈركىيىنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتىدىمۇ ئىككى شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلەندى
- گېرمانىيىدە جۇمھۇرىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ نەزىرىسى بېرىلدى
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى
- نورۋېگىيىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى
- شۋېتسىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە مەرھۇم كۆرەش كۈسەن ئەپەندى خاتىرىلەندى
- تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھىرىيەتلىرى خاتىرىلەندى
- كۈرەش كۈسەن شۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرماقتا
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىدى
- ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى
- ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە دوكتور قاھار بارات بىلەن سۆھبەت(2)
- بېشكەكتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلەندى