ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتايغا قاراتقان سىياسەتنى تەڭشەشكە چاقىردى


2005.11.11

ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قانۇن بويىچە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى تەكشۈرۈپ، ھەر يىلى دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنىدۇ.

ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى جىددى تەڭشىشى كېرەك

مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى رىچارد دوماتو (Richard D’Amato) چارشەنبە كۈنى بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بەزى تەرەپلەرنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىشكە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى، شوڭا ئامېرىكا، خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى جىددىي تەڭشىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىمىز، ئامېرىكا تېخى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئومومىيۈزلۈك باھالاپ چىقىپ، بۇ ھەقتە بىر تەدبىر ئوتتۇرىغا قويمىدى".

داماتونىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئاكتىپ ھالدا ۋاستە قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېلىپ كىلىدىغان سەلبى تەسىرىنى ئازايتىشى كېرەك.

مەسىلىلەر داۋاملىق مەۋجۈت

داماتو يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەرنىڭ داۋاملىق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

"كومىتېتىمىزنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزدە مەۋجۈت بولىۋاتقان مەسىلىلەر ئاساسەن ھەل بولمىدى" .

دوماتونىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي پۇلنى مونوبول قىلماقتا ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا. ئۇ يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى تېخىمۇ قوغداشقا چاقىردى ھەمدە خىتاينىڭ ئامېرىكا نېفىت ۋە باشقا شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىش ئىنتىلىشلىرىنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۆلەت مەجلىسىگە بېرىلگەن تەكلىپلەر

مەزكۇر كومىتېت، بۇ يىلقى دوكلاتىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئاساسلىقى ئىككى كونكرېت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، داماتونىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ بىرىنچىسى خىتاي بىلەن " ئېنېرگىيە ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى" قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيا نېفىت تەمىناتىنىڭ ئازىيىشىغا قارىتا بىرلىكتە ھەل قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش.

"بۇندىن كېيىن ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە بارغانسىرى كۆپ توقۇنۇشلار كېلىپ چىقىدۇ. بىزنىڭچە ئىككىلا دۆلەت يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى بىرلىكتە ئېچىش ھەققىدە ھازىردىن باشلاپ ھەمكارلىشىشى كېرەك".

داماتو خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كومىتېتنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق تەكلىپى خىتاي بىلەن " ئۆز- ئارا ئىشەنچ ئورنۇتۇش مىخانىزىمى" نى قۇرۇپ چىقىپ، تاساددىپى قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان " بىرلىككە كەلگەن مەملىكەتلىك ئىستىراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىقمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ھەقتە بارغانسىرى مۇھىم رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ تەكلىپلەردىن سىرت، مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىدا يەنە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللاردىن جازالاش خاراكتېرلىك باج ئېلىش، يادرو قوراللىرىنى سېتىشقا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش شىركەتلىرىنىڭ مال- مۈلكىنى توڭلىتىش، خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يادرو تېخنىكىلىرىنى تارقىتىشىنى چەكلەش كېرەك

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان، ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روگېر روبىنسىن (Roger Robinson) خىتاينىڭ دۇنيا ۋە ئامېرىكا بازىرىدىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆرىنەرلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

" خىتاي بانكىلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ۋە ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنى،ئۆزلىرىنىڭ سالغان مەبلەغلىرىنىڭ خىتايدىكى قوراللارنى كېڭەيتىش ۋە باشقا ھەربىي پائالىيەتلەرگە، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقلىرى، ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىشىدىن خالىي بولالايدىغانلىقىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ".

روبىنسىن يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جازا قويۇشىغا قارىماي، كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىك خاراكتېرىدىكى قورال تېخنىكىلىرىنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ چوقۇم بۇ خىل ئەھۋالنى ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.