2007 - يىلى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر، 2007 - يىلىنى " ئاياللار يىلى" ياكى " ئاياللارنىڭ گەۋدە كۆرسىتىش"(مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەش) يىلى دەپ قاراشماقتا. بۇنداق قارىلىشتىكى سەۋەب، 2007 - يىلى يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردە ئاياللارنىڭ يىللاردىكىگە نىسبەتەن ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىدۇر.
2007 - يىلىدىكى ئەڭ زور ۋەقە، بېرمىدىكى دېموكراتىك قارشىلىق ھەرىكىتىدۇر. راھىبلار نامايىشى بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، 18 يىلدىن بېرى ئۆز قوروسىدا نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان ئاڭساڭ سۇ چى خانىم مەيدانغا چىقتى. ئۇ ب د ت ۋەكىلى ۋە بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بېرما دېموكراتىك ھەرىكىتىگە دىپلوماتىك يول بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ جەرياندا، ئۆزىنىڭ خەپ-خەتەرگە پەرۋا قىلماسلىق روھىي بىلەن دۇنيا جامائىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.
2007 - يىلىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان سايلاملاردىن بىرى ئارگېنتىنا پرېزىدېنت سايلىمىدۇر. چۈنكى بۇ سايلامنىڭ رىقابەتچىلىرىدىن بىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پرېزىدېنت نەستەر كرىچەرنىڭ ئايالى كىرىستىنا فەرناندېز خانىمدۇر. بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلغان بۇ سايلامدا، كىرىستىنا فەرناندېز خانىم، %45.29 ئاۋاز ئاۋازغا ئېرىشىپ، %22 ئاۋازغا ئېرىشكەن رەقىبىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، يولدىشى نەستەر كرىچەرنىڭ پرېزىدېنتلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. نويابىردا دۆلەت كابىنتىنى تەشكىللىگەن فەرناندەز خانىم 10 - دېكابىر كۈنى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئارگېنتىنا تارىخىدىكى ئىككىنچى ئايال پرېزىدېنت بولۇپ تارىخ ياراتتى.
2007 - يىلدىكى ماجىرالىق ۋەقەلەردىن بىرى، پاكىستاننىڭ پرېزىدېنت سايلام تەييارلىقىدۇر. سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىن قايتقان بىنەزەر بۇتتو خانىم، تۇنجى كۈنىلا، 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئۆزىنى پارتلىتىۋېتىش خاراكتېرلىك بومبا ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىك نامايىشتا سەپنىڭ ئالدىدا ئورۇن ئالدى. دەسلەپ مۇشەررەپ بىلەن مۇرەسسەلىشىش يولىنى تاللىغان بىنەزەر بۇتتو، مۇشەررەپ، ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغاندا دەرھال قارشى مەيدانغا ئۆتتى ۋە ھەربىي ھالەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى، بۇ سەۋەبلىك ئارقا-ئارقىدىن قوراسى ئىچىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
2007 - يىلدىكى، مۇھىم سايلاملاردىن بىرى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە رېفىراندامى دەپ قارالغان، خوڭكوڭ ئارىلىنىڭ پارلامېنت ۋەكىل سايلىمىدۇر. بۇ سايلامدا خوڭكوڭ دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى بىلەن بېيجىڭ تەرەپدارلىرى ئارىسىدا بىر نۆۋەت كۇچ سىنىشىش يۈز بەردى. سايلامدىكى ئىككى رىقابەتچى ئايال بولۇپ، سايلامدا ئۇتۇپ چىققان دېموكراتىيە تەرەپدارى، ئاڭ ساڭچەن خانىم بولدى. 2007 - يىلى دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان ھەرىكەت، 2008 - يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نامزاتلىقىنى تالىشىش رىقابىتىدۇر. بۇ رىقابەتتە، دېموكراتچىلارنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا كېتىۋاتقان ئىككى نامزاتىدىن بىرى ھىللارىي كلىنتون خانىمدۇر.
دۇنيادا بۈگۈن مۇستەقىللىق ئارزۇسى بىلەن تەشكىللىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ سانى يۈزدىن ئارتۇق بولۇپ بۇلاردىن، خەلقئارا كۈنتەرتىپىنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلار يىگىرمىگە يەتمەيدۇ، مانا بۇلاردىن بىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، 2007 - يىلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەنە بىر بالداق يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى. رابىيە قادىر خانىم، بۇ يىل ئىچىدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگادا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەرىپىدىن تالانت ئىگىسى دەپ مەدھىيىلەندى. شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، رابىيە قادىر خانىم، ۋاشىنگتون، دالاي لاما قاتارلىق دۇنياۋى شەخسلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىپ مەدھىيىلەندى. رابىيە قادىر خانىم، 2007 - يىلنى، ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر يىل دەپ قارايدۇ.
رابىيە قادىر خانىم 2007 - يىلى يەنە 3 - قېتىم نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. (شۆھرەت ھوشۇر)