ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 16 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا


2007.06.25

‏ 80‏ - يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا كېرەم قارىم نامى بىلەن داڭ چىقارغان ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقىنىغا بۇ يىل16 يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭ بىلەن ئەسرا بولغان ، ئۇ نىڭ ھەر خىل تەبلىق ‏- نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئاجايىپ يىتىلگەن ناتىق ۋە مول بىلىمگە ئىگە كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنداقتا بۇ كىشى كىم؟ ئۇ قانداق ئادەم ئىدى، ئۇ نېمە ئۈچۈن تۈرمە مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇيۇۋىتىلمەي يەنىلا تۇرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ؟

كېرەم قارىمنى يېقىندىن بىلىدىغانلارنىڭ بىلدۈرۈشچە، كېرەم قارىم 80‏ - يىللارنىڭ ئاخىرىدا كۇچا ناھيىسىدە چوڭ كۆلەملىك دىنىي تەلىم ‏-تەربىيە ھەركىتى ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۆز ئۆيىدە ياش ئەۋلادلارغا دىننى ساۋاق بەرگەندىن سىرت ، پۈتۈن جامائەتكە دىنىي تەبلىخ سۆزلەپ كىشىلەرنى ھاراق ئېچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن توسىغان، كىشلىك مۇناسىۋەتتە ئادىل، سەمىمىي بولۇشقا ، ئاللانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان تەبىئىي قەدىر ‏-قىممىتىنى،ئىززەت‏-ھۆرمىتىنى قوغداشقا چاقىرغان.

ئۇ بارلىق تەبلىغلىرىدە ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا ئاللا تەرىپىدىن تەڭ قىممەتتە باراۋەر، ئەركىن يارىتىلىدىغانلىقىنى، دىنغا ئىشىنىش ئاللانىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن ئەڭ ئالىي ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكلىرىنى، بۇ دۇنيادا ھەممە ئىنساننىڭ ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كېرەم قارىمنىڭ پائالىيەتلىرىدىن تولۇق خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشچە، ئەينى چاغدا پۈتۈن كۇچا دائىرىسىدە ئۇنىڭ تەبلىغلىرىنى ئاڭلىمىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز قالغان ھەتتا ھۆكۈمەت خادىملىرىغىچە تۈركۈملەپ كېلىشكەن. كېرەم قارىمنىڭ تەبلىغخانىسىدا كېچە ‏- كۈندۈز دېگۈدەك زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىغى تىنجىمىغان. شۇ چاغلاردا كۇچا دائىرىسىدە ياشلاردىن تارتىپ چوڭلارغىچە ھاراق‏-تاماكىدىن ئۆزلۈكلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئىبادەت يولىغا قاراپ ماڭغانلارنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسى بۇيىچە توي ‏- تۆكۈن‏، نەزىر ‏- چىراق قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن.

كېرەم قارىمنىڭ ئىككى قېتىملىق ھېيتتا ئېلىپ بارغان 40نەپەر قىز ۋە ئوغۇلنى بىر خىل چىرايلىق ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈپ توپلىشىپ ھېيتلىشىشى كىشىلەر ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ داغدۇغا قوزغىغان.كېرەم قارىمنىڭ تۈرمىگە ئېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە تەھلىل قىلغۇچىلار، ¨ گەرچە كېرەم قارىمنىڭ ھېچقانداق گۇناھى بولمىسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا كۈندىن ‏- كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئابرويى ۋە تەسىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھتىد دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن ¨‏ دەيدۇ. بۇ ھەقتە ئابدۇشكۇر سامساق ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.