خىتاي ھۆكۈمىتى " شىنجاڭ " سىنىپلىرىنى بارغانچە كېڭەيتمەكتە
2007.05.08
ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خىتاي ئىچى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلغان "شىنجاڭ "تولۇق ئوتتۇرا ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ سانىنى 50 گە يەتكۈزۈپ، بۇ سىنىپلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.
گەرچە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىياليلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل"شىنجاڭ"سىنىپلىرىنى ئېچىشى،ئۇيغۇرلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ تەنقىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەكسىچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ سىنىپلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى بۇلتۇرقى 3990 نەپەردىن، 5000 نەپەرگە كۆپەيتكەن.
شۇنداقلا بارغانچە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇتۇش ئۈمىدىدە بولۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا كۈچلۈك مۇلاھىزىلەرنى قوزغىماقتا.
بۇ ھەقتە، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى خانىم بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىڭ مائارىپ كۆرسەتكۈچى 5 – ئورۇننى ئىگىلەمدۇ؟
- گېرمانىيىدىكى "ئەركىن ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزى" ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدا تەربىيىلىمەكتە
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىش - خىتاينىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى خىتايچە ئوقۇتىدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايچە مائارىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقچى
- ميۇنخېن چەتئەللىكلەر مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن سۆھبەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتمەكچى
- ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ھەققىدىكى ھەقسىز لىنىيە سۆھبىتى