خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان " بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى تەربىيىسى ھەقىقى رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟
2007.06.12
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېكىتكەن رەئىسى، يەنى ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ " 13 -قارارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، ئەخلاق تەربىيىسى تايانچ كۈچلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى" دا قىلغان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىدە بەزى ئاجىز ھالقىلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ياش ئۆسمۈرلەرنى قايمۇقتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسمائىل تىلىۋالدى: "مانا ئەمدى شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش دەۋرى يېتىپ كەلدى " دېگەن
ئىسمائىل تىلىۋالدى، سۆزىدە يەنە نۇقتىلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، يۇقىرىدا ئېيتقان سۆزلىرىگە قارمۇ - قارشى ھالدا يەنە " نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كۈندىن - كۈنگە تېزلەشمەكتە، تەرەققىياتتىن مەيدانغا كەلگەن يېڭىلىقلارمۇ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانماقتا، سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ كۆلىمىمۇ كۈندىن - كۈنگە چوڭايماقتا، ھەر مىللەت ئاممىسى ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتلەرمۇ كۈندىن - كۈنگە ئاشماقتا، جەمئىيەت كۈندىن - كۈنگە مۇقىم بولماقتا، مانا ئەمدى شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش دەۋرى يېتىپ كەلدى " دېگەن.
ئۇ يەنە : " پۈتۈن ئوقۇتقۇچى ۋە ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بارغۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ، ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەلتۆكۈس تونۇپ يېتىشىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى تولۇق ھەل قىلىشىنى، مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىشىنى شۇنىڭدەك مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى "تەلەپ قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بىر تەرەپتىن، جەمئىيەت مۇقىم، تەرەققىيات زور دەپ تەشۋىق قىلىشى يەنە بىر تەرەپتىن، مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بەزى ئاجىز ھالقىلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىشىنى تەنقىد قىلدى.
خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 57.4 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ " 13- قارارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، ئەخلاق تەربىيىسى تايانچ كۈچلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى" ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بېرىلگەن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ سانى 8345، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىليون 465 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 57.4 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە، خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 57.4 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىشى بىر تەرەپتىن خۇشاللىنارلىق خەۋەر بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش" ۋە " ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش" كە ئوخشاش ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خىتاي بولمىغان مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، مائارىپ ۋە سىياسىي جەھەتتە زور بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان سۈرەييە خانىم خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىچىك ئۇيغۇر قىزى ئارزۇ خەلقئارا كەشپىياتچىلار مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجىگە ئېرىشتى
- خىتايدىكى رەھىمسىز جەڭ -ئالىي مەكتەپكە تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى
- ۋەتەندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن ياۋرۇپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پەرقى
- ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى
- تۇركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى " شىنجاڭ " سىنىپلىرىنى بارغانچە كېڭەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردە بىر ئايلىق سىياسىي ھەرىكەت باشلىدى
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىڭ مائارىپ كۆرسەتكۈچى 5 – ئورۇننى ئىگىلەمدۇ؟
- ئۆگىنىش ۋاقتى گېزىتى: جۇڭگودا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى يېڭى رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە
- خىتايدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى 20 يىل ئىچىدە 25 ھەسسە ئۆسۈپ كەتتى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى
- مائارىپ ساھاسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا