خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان " بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى تەربىيىسى ھەقىقى رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟


2007-06-12
Share

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېكىتكەن رەئىسى، يەنى ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ‏ " 13 ‏-قارارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، ئەخلاق تەربىيىسى تايانچ كۈچلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى" دا قىلغان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىدە بەزى ئاجىز ھالقىلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ياش ئۆسمۈرلەرنى قايمۇقتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسمائىل تىلىۋالدى: "مانا ئەمدى شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش دەۋرى يېتىپ كەلدى " دېگەن

ئىسمائىل تىلىۋالدى، سۆزىدە يەنە نۇقتىلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، يۇقىرىدا ئېيتقان سۆزلىرىگە قارمۇ ‏- قارشى ھالدا يەنە " نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كۈندىن - كۈنگە تېزلەشمەكتە، تەرەققىياتتىن مەيدانغا كەلگەن يېڭىلىقلارمۇ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانماقتا، سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ كۆلىمىمۇ كۈندىن - كۈنگە چوڭايماقتا، ھەر مىللەت ئاممىسى ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتلەرمۇ كۈندىن - كۈنگە ئاشماقتا، جەمئىيەت كۈندىن - كۈنگە مۇقىم بولماقتا، مانا ئەمدى شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش دەۋرى يېتىپ كەلدى " دېگەن.

ئۇ يەنە : " پۈتۈن ئوقۇتقۇچى ۋە ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بارغۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ، ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەلتۆكۈس تونۇپ يېتىشىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى تولۇق ھەل قىلىشىنى، مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىشىنى شۇنىڭدەك مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى "تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بىر تەرەپتىن، جەمئىيەت مۇقىم، تەرەققىيات زور دەپ تەشۋىق قىلىشى يەنە بىر تەرەپتىن، مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بەزى ئاجىز ھالقىلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىشىنى تەنقىد قىلدى.

خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 57.4 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ " 13‏- قارارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، ئەخلاق تەربىيىسى تايانچ كۈچلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى" ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بېرىلگەن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ سانى 8345، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىليون 465 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 57.4 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە، خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 57.4 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىشى بىر تەرەپتىن خۇشاللىنارلىق خەۋەر بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش" ۋە " ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش" كە ئوخشاش ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خىتاي بولمىغان مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، مائارىپ ۋە سىياسىي جەھەتتە زور بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان سۈرەييە خانىم خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت