ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي بېسىم بارغانسېرى كۈچەيمەكتە


2006.10.27
qeshqer-mao-200.jpg
2005 – يىلى 27 – مارت كۈنى ئىككى ئۇيغۇر قەشقەر شەھىرىدە ماۋ زېدوننىڭ ھەيكىلى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ھەيكەل ماۋ زېدوڭنىڭ خىتايدىكى ھەيكەللىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭى. AFP

غەرب مەتبۇئاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە چىقىدىغان گېزىت، ژورناللار ھەر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە مۇخبىر ۋە مۇلاھىزىچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى ھەقىقىي ۋەزىيەتنى ئوقۇغۇچىلىرىغا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.

ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىق مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يازغان ماقالىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن تېخىمۇ كۆپ خەۋەردار بولۇشىغا ھەمدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ كۆپىيىشگە سەۋەب بولماقتا. 10‏- ئاينىڭ 26‏- كۈنى لوس ئانجىلس ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مارك ماگنېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالە ئەنە شۇنداق ماقالىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ھەقىقى خوجايىن

مارك ماگنېر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ يازغان ماقالىسىدە، قەشقەر ۋە خوتەن شەھەرلىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان لوزۇنكا ۋە يېزىلغان شۇئارلارنىڭ بۇ جايلاردا خوجايىننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر ئىماملار دەسلەپتە، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كەلگەن دۆلەت كادىرلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا بىلدۈرۈش بۇيرۇقىغا قارشى چىققان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى ۋە ئىشىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپى بىلەن بۇيرۇققا بويۇن ئىگىپ، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كەلگەنلەرنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈشكە باشلىغان.

ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس تارىخ، تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مارك ماگنېر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېيجىڭدىن تۆت مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقتا بولۇشىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوت ئۆچمىگەن، قايتىدىن يالقۇنلايدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن ماقالىدە، بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ "مەن ئىش ئورنۇمدا خىتايلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ياخشى كۆرىمەن دېيىشكە مەجبۇر. ئەگەر بۇنداق دېمىسەم قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىم مۇمكىن" دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

ماقالىسدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىدە ياشاش ئارزۇسىنى يوقاتمغانلىقىنى تەكىتلىگەن مارك ماگنېر، لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بېيجىڭنىڭ ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلغانلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارە-تەدبىرلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى، 1990‏- يىللاردىكى قوزغىلاڭ، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قوراللىق ھۇجۇملارنى توختاتقانلىقىنى بايان قىلسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن پائالىيەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ھاۋايى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى درۇ گىلادنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئۆچمىگەن، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا قۇلاق سالمىسا، بۇ ئوت قايتىدىن يالقۇنلايدۇ.

خىتاي دائىرىلىرنىڭ مەقسىتى – ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە يات يېڭى بىر نەسىل يارىتىش

ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ بۇ رايوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مارك ماگنېر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول نېفىت، تەبئىي گاز ۋە ئۇران زاپىسىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى تەيۋەن ۋە تىبەت قاتارلىق يەرلەردە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

11‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر باھانە يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن مارك ماگنىر، ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈزگۈزۈشكە باشلىغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىۋاتقانلار، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايچە سۆزلىشىدىغان، ئىسلام دىنىي ئېتىقادىدىن يىراقلاشقان ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە يات يېڭى بىر نەسىل يارىتىشتىن ئىبارەت دېيىشمەكتە".

مارك ماگنېر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن كۆرۈشۈش تەلەبلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.