خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا قاماپ قويماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى" دەپ دىئاگنوز قويۇلغان خىتاي ئۆكتىچىسى ۋاڭ ۋەنشىن بېيجىڭدىكى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا 13 يىل ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. گوللاندىيىدىكى نېرۋا كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ ۋەنشىندا ھېچقانداق نېرۋا كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلمىگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېرۋا كېسەللىكنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۆكتىچىلەرنى خالىغانچە باستۇرىدىغان بۇ خىل قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلماقتا.

13 يىلدىن كېيىنكى قايتا جەم بولۇش

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋەرلەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن خىتاي ئۆكتىچىسى ۋاڭ ۋەنشىن 1992 ‏- يىلى تيەن ئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، نېرۋا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى دېگەن باھانە بىلەن بېيجىڭدىكى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا قامالغان ھەمدە 13 يىل ئۆتكەلدىن كېيىن يەنى 2005 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدا قويۇپ بېرىلىپ، گېرمانىيىدىكى ئايالى ۋە قىزى بىلەن جەم بولغان.

ۋاڭ ۋەنشىن دوختۇرخانىدىكى چېغىدا، مۇخبىرلار كۆپ قېتىم ئۇ ياتقان ئەنكاڭ ئىسىملىق دوختۇرخانا بىلەن ۋاڭ ۋەنشىننىڭ كېسەل ئەھۋالى ھەققىدە ئالاقىلاشماقچى بولغان. لېكىن ۋاڭ ۋەنشىنگە "نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان" دەپ دىئاگنوز قويغان مەزكۇر دوختۇرخانا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نېرۋا كېسىلىنى باھانە قىلىپ سىياسىي مەھبۇسلارنى باستۇرۇپ كەلگەن

گوللاندىيىدىكى نېرۋا كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرگەن ۋاڭ ۋەنشىن خوشال بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا ئەنكاڭ دوختۇرخانىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنى ئېچىپ بېرىشىنى ۋە شۇنداقلا دۇنيا نېرۋا كېسەللىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىتايغا بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ئەدېم ئەپەندى "گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان نېرۋا كېسەللىكنى باھانە قىلىپ، سىياسىي مەھبۇسلارنى باستۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ئىسپاتقا ئىگە بولالمىغان. مانا ھازىر ۋاڭ ۋەنشىننىڭ خىتايدىن ئايرىلىشى ۋە شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۇزۇندىن بۇيانقى گۇمانىنىڭ راس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى " دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرمىگە ساق كىرگەنلەر ساراڭ بولۇپ چىقىدۇ

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا قوللىنىۋاتقان تۈرلۈك ئۇسۇللىرى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىدۇ، ھەتتا ساق كىرگەن مەھبۇسلارنى تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا ساراڭ قىلىپ قويىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا روھىي كېسەللىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىتايغا بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا يېتىۋاتقان ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. (مېھرىبان)