ئۇيغۇر ئېلىدە "8 شەرەپ، 8 نومۇس" قارىشىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت يېڭى سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى كۈچەيدى


2006.03.30
hujintao-kashgar.jpg

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 3 - ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ سوتسىيالىستىك شەرەپ -نومۇس قارىشى توغرىسىدىكى بايانىنى ئۆگىنىش ھەمدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەش توغرىسىدا مەخسۇس ئوقتۇرۇش چۈشۈرگەن. ئارقىدىنلا يەنى 27 - مارت كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار ئىدارىسىمۇ ھەر قايسى دەرىجىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىلىرى ھەم تارماقلىرىغا ئوخشاش مەزمۇندا ئوقتۇرۇش چۈشۈرگەندىن باشلاپ،نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يېزا- يېزىلارغىچە داۋام قىلىۋاتقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتىگە ئۇلىنىپلا "سوتسىيالىستىك شەرەپ نومۇس قارىشى" نى ئۆگىنىشتەك يېڭى بىر سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. خىتاي پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى "سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ بارلىق كومپارتىيە ئەزاسى كادىرلىرى، بارلىق پۇقرالار بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كادىرلارنى تەربىيىلەش ھەمدە رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچەيتىشتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە" دەپ تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى كۆتۈرۈلگەن "سوتسىيالىزم شەرەپ- نومۇس" قارىشى تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر سۆرەتلىك خەۋەردە" خەلق ئىچى سەنئەت ئۆمىكىدىكى ياشانغان سەنئەتكارلار كۇچا ناھىيىسىنىڭ چىمەن بازىرىدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا 8 شەرەپ، 8 نومۇس مەزمۇن قىلىنغان يېڭى مۇقامنى ئېيتىپ بەردى. " دېيىلگەن شۇنداقلا بۇ خەلق ئارتىسلىرىنىڭ كەنتلەردە سەييارە تەشۋىقات ئويۇنى قويۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.دېمەك خىتاي كومپارتىيىسى سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس قارىشىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتىنى نۆۋەتتە ھەر خىل شەكىل، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇقىرى ئورگانلىرىدىن باشلاپ ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا -كەنتلەرگىچە كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خۇجىنتاۋ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنستىك پارتىيىسىنىڭ شەرەپ -نومۇس تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسەت ھەمدە سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.