گوللاندىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا

گوللاندىيىدىكى يېشىللار پارتىيىسى بىلەن ئىشچىلار پارتىيىسى ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرغان ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسىدىن ئۇيغۇر ئىلتىجاچىنى قايتۇرۇش پىلانىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە قاتتىق سوئاللارنى سورىغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013.01.17
Gollandiye-panahliq-Lagiri.JPG گوللاندىيىدىكى پاناھلىنىش لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى يانۋار.
RFA/Pidaiy

بۇ سوئاللار يېشىللار پارتىيىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى پارتىيە گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئەگەر ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى، ئىلگىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن سوئاللار تۆۋەندىكىچە:

  • ئالىي سوتنىڭ بۈگۈن قايتۇرۇلۇشى قارار قىلىنغان ئۇيغۇرنىڭ ئىلتىجا ھەقلىرىنى تەستىقلاپ ۋاقىتلىق خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقانلىقى توغرىمۇ؟ سىز بۇ قارارنى ئىنكار قىلامسىز؟
  • سىز بۇ ئىلتىجاچىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ئاكتىپ شەخس ئىكەنلىكىدىن خەۋەرلىرىڭىز بارمۇ؟ مەسىلەن: د ئۇ ق نىڭ 2012-يىلىدىكى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. بۇنىڭغا ئائىت رەسىملەرنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇ ئىلتىجاچى خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە خەتەر يېتىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىش لازىم ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بۇ ئىلتىجاچىنىڭ ئارخىپلىرىغا قايتىدىن ئىنچىكە قاراپ چىقىش كېرەكمۇ، قانداق؟ ئەگەر ھاجەتسىز دەپ قارىسىڭىز، سەۋەبى نېمە؟ ئەھۋال ئۇنداقكەن، سىز ئۇ ئۇيغۇر ئىلتىجاچىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدا، ئۇنىڭ يەنە قايسى خىل خەتەرلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېنىقلاشقا ئەھمىيەت بېرەمسىز؟
  • سىز ئىلتىجاچىلار ياردەم ئورنى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىلتىجاچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ ئىلتىجا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن، تۈرمىلەرگە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا سولىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە قارشى تەن جازاسى بېرىلىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ سىز بارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق چاقىرىقىغا قانداق قارايسىز؟
  • سىز شۋېتسىيىدىكى خىزمەتداشلىرىڭىزدىن ئىلگىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تراگېدىيىسىدىن ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق قارارىنى ئالغانلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشتىڭىزمۇ؟
  • سىز ئۇيغۇر ئىلتىجاچى خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇنى قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى يېڭىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ۋە بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدەك تەشكىلاتلارنىڭ تەييار تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى قوشۇپ ئېلان قىلىشقا، شۇنداقلا بۇ نەتىجىلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنى قايتۇرۇشنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلامسىز؟ ئەگەر قىلمىسىڭىز، نېمە ئۈچۈن؟

نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان سوئاللارغا قارىتا، ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى ئېيتىلمىغانلىقىدىن، سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

گوللاندىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلاردا، خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىپ قويۇلغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئاخىرقى قارارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە قايتۇرۇلۇشقا بۇيرۇلغان ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەر ئىكەن. ئۇ ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەردىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، لاگېردىن ھەيدىلىپ سىرتتا قالغانلىقى ئۈچۈن، دوستلىرىنىڭ يېنىدا ۋاقىتلىق پاناھلىنىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.