د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى

د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئامېرىكىغا ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تۈركىيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىدا قاتناشقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.04.14
parlament-muawin-bashliqi-newzat-paqdil-DUQ-Siyit-Tumturk-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﯞﺯﺍﺕ ﭘﺎﻗﺪﯨﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻫﺎﻳﺮﯗﻟﻼ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكىدىكى رەھبەرلىرى بىلەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 1 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى، بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتلىرى ھەققىدە مۇھىم ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.