ئامېرىكا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا تۇتقان سودا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدى


2004.10.22

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇنىڭ ئالدىدا ئوخايو شىتاتىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئوخايو شتاتىدىكى ئاپتوموبىل، پولات-تۆمۈر، ماشىنىسازلىق ۋە ساپال بويۇملىرى سانائىتى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىشچىلار ۋەكىللىرى ئىسپاتتىن ئۆتۈپ، ھەممىسى بىردەك خىتاينىڭ، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدا خەلق پۇلىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇشى ۋە ئېكسپورت ياردەم پۇلى بېرىشىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل ئادىل بولمىغان ئۇسۇلنىڭ ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇلار خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان سودا ئۇسۇلى سەۋەبىدىن بۇ كارخانىلارنىڭ رىقابەتلىشىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە مايئەمى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت ئىلمى پروفېسسورى دوكتور جۇن جېيېر خانىم (Dr. June Teufel Dreyer) بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوخايو شتاتىنىڭ ئىشسىزلىق ئەڭ ئېغىر بولغان شىتاتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

" خىتاينىڭ سودا سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئوخايو شتاتى ئىشسىزلىقنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىدى. بۇ قېتىملىق ئىسپات بېرىش يىغىنىغا، ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىشچى ۋە كارخانا رەھبەرلىرى قاتناشتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا ئىسپات بەردى. بۇلارنىڭ ھېكايىلىرى شۇنداق ئېچىنىشلىق. قىسقىسى ئۇلار خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان سودا ئۇسۇلى سەۋەبىدىن بۇ كارخانىلارنىڭ رىقابەتلىشىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى."

خىتاينىڭ پۇل قىممىتى مەسىلىسىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش

جېيېر خانىم مەزكۇر كومىتېتنىڭ، ئىسپات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ، ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى قايتا باھالاش مەسىلىسدە دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىچىدە جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ نەچچە ئايدىن بۇيان قىلىۋاتقان سۆھبەتلىرىنىڭ نەتىجىسىز ئاياقلاشقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ۋە سودا ۋاكالەتچى ئىشخانىسىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا دەرھال ئەرز سۇنىشىنى ھەتتا زۆرۈر بولغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇق قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۈر كومىتېت دوكلاتىدا يەنە، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئارا ئېكىسپورت ماللىرىغا قويغان باجنىڭ ناھايىتى ئادالەتسىز بولغانلىقىنى بىلدۈردى. مەسىلەن: خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ئېكىسپورت قىلغان ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىغا % 30 تىن % 50 قىچە باج قويىدىكەن، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا قويغان بېجى ئاران % 2 ئەتراپىدا ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىشچى ۋە كارخانىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك

بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۈر كومىتېت ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىمپورت ماللارغا چەكلىمە قويۇش ۋە ئامېرىكا سودا مىنىستىرى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ زىيانغا ئېغىر ئۇچرىغان كىچىك تىپتىكى شىركەت ۋە كارخانىلارنى يۆلەش قاتارلىق ئۈنۈملۈك چارىلارنى قوللىنىش ئىكەن.

ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇپ، ئادىل بولمىغان ئەھۋالدا خەلقئارا ئېكىسپورت بازىرىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋالغانلىقىنى ئەيىپلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى ئاز دېگەندە % 40 تۆۋەن باھالىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دوكتۇر جۇن جېيىر خانىم ھازىرغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك بىر چارە قوللانمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا خىتاينىڭ قوللىشىنى ئىستىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

" بىز بۇ دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدۇق. ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا خىتاينىڭ قوللىشىنى كۈتىشى رىئال ئەمەس. كۆرۈپ تۇرۇپتۇق، خىتاي خەلقئارا تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى قوللىمىدى ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا تېرروچى دەپ ئاتىغانغا ئوخشاش، تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە باغلىۋالدى."

جېيېر خانىم مەزكۈر كومىتېتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا يەنە، دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەققىدىمۇ بىر يۈرۈش تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭدا خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى ھەددىدىن زىيادە تېز تەرەققىي قىلدۇرىشى ۋە تەيۋەنگە قىلىۋاتقان ھەربىي تەھدىتلىرىگە بولغان ئەندىشىلىرى ئالاھىدە تىلغان ئېلىنغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.