پرېزىدېنت بۇش خىتاينى خەلقئارا سودا نىزامنامىسىغا ئەمەل قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
2005.06.01
خىتاينىڭ بىر قىسىم توقۇلما مەھسۇلاتلار ئېكسپورت بېجىنى بىكار قىلىش قارارىغا ئامېرىكا تېز ئىنكاس قايتۇردى. بۇش ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ خەلقئارا سودا نىزامنامىلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ سودىدا ئادىل بولۇش تىرىشچانلىقىنى كۆرىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، سەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي بىلەن سودا قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەلقئارا قائىدە - قانۇنلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىش، دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت بۇش، ئامېرىكىنىڭ سودا مەسىلىسىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇش، خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدا ئادىل بولۇشىنى تەلەپ قىلدى
بۇش، سەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سودا مەسىلىسى شۇنداقلا ئاخبارات ۋە دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى كۆز- قارىشىنى شەرھىلىدى.بۇش، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە باھا بېرىپ، "مېنىڭچە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئامېرىكا خەلقى بۇنى چۈشىنىشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت بۇش، خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدا ئادىل بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. بۇش مۇنداق دەيدۇ:
"تەرەپتىن بىز خىتاينى بىر ئىقتىسادى پۇرسەت، دەپ قارايمىز. خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى خىتايغا خەلقئارا سودا نىزامنامىلىرىنى ئەسلىتىش. بىز خىتاينىڭ بۇ نىزامنامىلارغا ئەمەل قىلىشىنى كۈتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ تەرەققىياتى شۇنداقلا مۇرەككەپ سودا مۇناسىۋىتىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ سودىدا ئادىل بولۇش تىرىشچانلىقىنى كۆرىدۇ. بىز خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدا ئادىل بولۇشىنى كۈتىمىز."
بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە
ئامېرىكا باش سودا ۋەكىلى روبېرت پورتمان، 4 - ئىيۇندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گۇتىلىز بىلەن بىرگە بېيجىڭدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى ۋە سودا مىنىستىرى بو شىلەيلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدكەن. پورتمان، خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسۋىتىنىڭ جىددى سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆمىكى توقۇلما ماللار سودىسىدىكى تالاش - تارتىش، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش شۇنداقلا ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆزلىشىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ 2004 - يىلى خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى 162 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئېغىر بېسىمىنى دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئامېرىكىنى يىلدا 250 مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچراتماقتىكەن.
بۇش، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ سەمىگە سېلىش مەجبۇرىيىتى بار
پرېزىدېنت بۇش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تىلغا ئالدى. بۇش مۇنداق دەيدۇ: "مەن بىزنىڭ خىتاينىڭ سەمىگە سېلىش مەجبۇرىيىتىمىز بارلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. ئۈمىدۋارلىققا تولغان ھەر قانداق جەمئىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىكى ئىقتىسادى ئەركىنلىكلا ئەمەس، بەلكى دىنىي ئىبادەت ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشتۇر. مەن ھازىرغا قەدەر ئۇچراشقان ھەر قانداق خىتاي رەھبىرىگە دالاي لامانى ، رىم ۋاتىكانىنىڭ خىتايغا ئېپىسكوپ ئەۋەتەلمەيۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدىم. خىتاينىڭ قورقۇشىغا ھاجەت يوق. دىننىڭ تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشۈنىش كېرەك."
ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ
بۇش، تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىزىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇش مۇنداق دېدى: " ناھايىتى ئېنىقكى ئامېرىكا خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى جىددى مۇناسىۋەت بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك. مېنىڭ مەيدانىم ناھايىتى ئېنىق شۇنداقلا ئىزچىللىققا ئىگە. خىتاي بىلەن تەيۋەن بۇنى چۈشىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش، رايوندىكى مۇقىملىقنى قوغداش شۇنداقلا مەسىلىنى تىنچ يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ."
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇش، كىم جۇڭئىلنى يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچىشكە ئۇنىڭ بىلەن پىكىرداش دۆلەتلەر كۈچ چىقىرالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " خىتاي مەزكۇر رايوننىڭ يادرو قوراللار تەھتىدىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىنىڭ خىتاي مېلىغا چەكلىمە قويۇشى تۈركلەرنى سۆيۈندۈردى
- فرانسىيە جىددى تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي توقۇلما ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلماقتا
- خىتاي نېفىت شىركەتلىرى كانادادا ھەرىكەتلەنمەكتە
- خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا بازىرىغا تەھدىت بولماقتا
- "خىتاي ماللىرىغا قارشى سەددىچىن سېپىلى ياسايلى"