خىتايغا پايدا كەلتۈرىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋىتى


2007.06.12

ئۆتكەن يىلى، ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا، خىتاي تەرەپ خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن. نەتىجىدە، بۇ نامۇۋاپىق سودا مۇناسىۋىتى ئامېرىكىغا 232 مىليارد دوللار قىزىل رەقەم ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

بىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىگە ئالاقىدار بىر قانۇن لايىھىسىنى ئاشكارىلايدىكەن. ئەمما، تولۇق مەزمۇنى تېخى ئاشكارىلانمىغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسىگە قارىتا خىتاي ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر ئامېرىكا شۇنداق قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ چىقسا خىتاينىڭمۇ قارشى ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

بەزى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تەييارلاپ سۇنماقچى بولغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا قويۇلىدىغان چېگرا بېجىنى يۇقىرىلىتىش پىكىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ: " ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي تاۋارلىرىدىن يۇقىرى چېگرا بېجى ئالدىغان قانۇن ماقۇللاپ چىقىشى مۇمكىن. ناۋادا شۇنداق بوپ قالسا خىتاي تەرەپمۇ قارشى ئىنكاس قايتۇرىدۇ" دەپ ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ساغلام بىر سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: "ئۇزۇندىن بېرى خىتاي-ئامېرىكا بىرلىكتە ھەر ئىككى تەرەپكە ئورتاق پايدىلىق سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇردۇق،" دەيدۇ.

گەرچە ئامېرىكا كۆپ ساھەلەردە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارغا تايىنىدىغان بولسىمۇ، بەزى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى، بارلىق خىتاي تاۋارلىرىغا ئومۇميۈزلۈك 20 پىرسەنت چېگرا بېجى قويۇش ۋە خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما، ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسلىق ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى زېنى مىنتون بېتوۋس ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو قانىلىدا خىتاي تاۋارلىرىغا قويۇلىدىغان يۇقىرى چېگرا بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بەك زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: خىتايغا قويۇلىدىغان چېگرا بېجى نۇرغۇن ساھەلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ. بۇ يەنە خىتاينىڭ زىتىغا تېگىدىغان بىر ئىش. ئوچۇق قېلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا مەنپەئەتى بەك ئاز. بۇ بىر خەتىرى كۆپ يول،" دېدى.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ پۇل- مۇئامىلە مەھكىمە باياناتىدا: "پرىنسىپ جەھەتتىن نامۇۋاپىق نىسبەتلەشتۈرۈلگەن پۇللار خەلقئارا بازارنى قالايمىقان قىلىپ، ئامېرىكا كارخانىچىلىرىغا ۋە دېھقانلىرىغا زىيان ئېلىپ كەلدى." دېيىلگەن.

چىن گاڭ بۇ "ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى- دە"

ھالبۇكى، خىتاي باياناتچىسى چىن گاڭ سەيشەنبە كۈنى: "خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى يۇقىرىمۇ، تۆۋەنمۇ؟ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يۇقىرى دەيدۇ. لېكىن بۇ كىمنىڭ ئۆلچىمى بىلەن بولغان ئىش؟ ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى- دە" دەپ قارشىلىقى بىلدۈردى.

چىن گاڭ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى نارازىلىقلىرىغا قۇلاق سالىدىغانلىقىنى ھەمدە مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا ھەركەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ ۋاشىنگتوننى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەش ھوقۇقى يوق دەپ چىڭ تۇردى.

ئۇ خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى جەھەتتە: "خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى چوقۇم خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىشى ۋە خىتاينىڭ جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك" دېدى ۋە " خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئىسلاھ قىلىش، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلماقتا" دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ يەنە خىتاي ئامېرىكا سودا مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: "بىز چوقۇم سودا ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىمىزنى سىياسىيلاشتۇرساق بولمايدۇ. بىز يەنە ھازىرقى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى خىتاي -ئامېرىكا ئىقتىسادىي- سودا مۇناسىۋىتىگە يۆتكىمەسلىكىمىز كېرەك،" دېدى.

ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈلگەن قىزىل رەقەمنى كىچىكلىتىش ئۈستىدە جىددىي ھەرىكەت قوللانماقتا

ئالدىنقى ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى سۆھبىتىدە ئامېرىكا تەرەپ ئۆزى كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ھازىر ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈلگەن غايەت زور قىزىل رەقەمنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىش ئۈستىدە جىددىي ھەرىكەت قوللانماقتا.

زېنى مىنتون بەتوۋس يەنە، خىتايغا كارغا كېلىدىغان ئۈنۈملۈك ئامال-چارە يوق ئەمەسلىكىنى، بۇ يەردىكى مەسىلە قانداق قىلىپ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش ئىكەنلىكى كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تۆۋەن تۇتۇۋاتىدۇ دېگەن قاراشقا قارىتا، ھازىر ئىقتىسادشۇناسلار ئارىسىدا بۇ ھەقتە ھەرخىل تالاش تارتىشلار بارلىقىنى، پەقەت خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەنلا ھازىر مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دۈشەنبە كۈنى خىتاي 5- ئايلىق سودا ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي سودا ئالاقىسىدا 22.45 مىليارد دوللار ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 73 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەگەر خىتاي سودىسىنىڭ ئېشىش قەدىمى مۇشۇ سۈرەتتە ئىلگىرىلىسە، بۇ يىللىق ئېشىش ئومۇمىي قىممىتى 320 مىليارد دوللارغا يېتىپ 2004- يىلىدىكىدىن 10 ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.