خىتاي-تۈركىيە سودا مۇناسىۋىتى


2007.06.18

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تىجارەت مىنىستىرى بوشىلەي 70 كىشىلىك بىر ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلدى. 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە-خىتاي ئىش ئادەملىرى يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي تىجارەت مىنىستىرى بوشىلەي سۆز قىلىپ ، " تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا ئىشەنچىمىز كامىل. بىز كونكېرت ئىش بىرلىكى قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. مەن قۇرۇق گەپ قىلمايۋاتىمەن، ھەيئىتىمىزنىڭ ئىچىدە ئۇچۇر - ئالاقە شىركەتلىرى، ئىنجېنېرلىق ۋە ئىنشائات شىركەتلىرى بار. بىز سىلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىمىز" دېدى. ئۇ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى توختامنامىلەر تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپەر سانىنىڭ كۆپەيتىلىشى، تۈركىيىنىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدە تىجارەت ئىشخانىلىرىنى ئېچىشى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن تۈركىيە - خىتاي ئورتاق سانائەت رايونى قۇرۇش قاتارلىق توختامنامىلەر ئىكەن.

خىتاي مىنىستىرى بوشىلەي تۈركىيىنىڭ مەنزىرىسى، نوپۇسى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىققا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەن بولسا تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بۇ يىل خىتايغا ساتقان مالنىڭ 1 مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى، 5 يىلدىن كېيىن 50 مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ئۆتكەن يىلى خىتايدىن 7 مىليارت دوللارلىق مال ئالغان بولۇپ، 630 مىليون دوللارلىق مال ساتقان. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئارىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزۈتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەڭپۇڭسىزلىق بارغانسېرى زورايماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 2002-يىلىدىكى زىيارىتىدە تۈركىيىگە 2 مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئۆتكەن يىل خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچى سانى ئاران 40 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. خىتاي تىجارەت مىنىستىرى بوشىلەي بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە "بۇ تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن 500 مىليارت دوللارلىق مال ئالىمىز، تىزىملىكىنى بېرىڭلار" دېگەن.

بوشىلەينىڭ بۇ سۆزى تۈرك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلاندى. رادىكال گېزىتى بۇ ھەقتە 'تاتلىق بىر خام خىيال' دېگەن تېمىدا خەۋەر بەردى. خەۋەردە "خىتاي مىنىستىرىنىڭ ئاغزىدىن بال ئاقتى" دېيىلگەن.( ئەركىن تارىم) .

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.