ئامېرىكا ‏- خىتاي سودا تالاش ‏- تارتىشلىرى داۋاملاشماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا- خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خېلى كەسكىنلەشكەن بولۇپ، بۇ خىل جىددىيچىلىك 14- سېنتەبىر ‏- جۈمە كۈنى خىتاي ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغاندىن كىيىن تېخىمۇ چېكىگە يەتتى.

خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇپ، ئامېرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان قەغەز ماتېرىياللىرىغا قويغان يۇقىرى باج تۈزۈمى ئۈستىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن ئىككىنچى قېتىم سودا جەھەتتە دەۋاغا چۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىغان پارقىراق قەغەزگە قويۇلىدىغان باج ئۆستۈرۈلگەن

بۇ يىل 30- مايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز شىركەتلىرىنىڭ بازاردا پۇت تىرەپ تۇرۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېرىدىغان دۆلەت قوشۇمچە ياردەم پۇلىغا جازا قوللىنىش مەقسىتىدە، خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىغان پارقىراق قەغەزگە قويۇلىدىغان باجنى 23.19 پىرسەنتتىن 99.65 پىرسەنتكىچە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئامېرىكا ۋەكىلى بۇ ھەقتە توختىلىشنى خالىمىغان. ئەكسىچە، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى ئامېرىكىنىڭ بۇ مەزكۇر قارارىنى ' ئادالەتسىزلىك ' دەپ ئاتىغان ۋە خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەرزى ئۈستىدە توختىلىپ: ' بۇنداق ئىلتىماس سۇنۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقى' دېگەن بولسىمۇ ،خىتاي سۇنغان ئەرزنامە ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە نام-شەرپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان.

سۇزان شۋاب : " ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھازىرقى زامان سودىسىدىكى ئەڭ ئەجەللىك مەسئۇلىيەت مەسىلىسى"

ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا- خىتاي سودا ئالاقىسىدا ئامېرىكا تەرەپتە 232.5 مىليارد دوللار قىزىل رەقەم كۆرۈنگەن بولغاچقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سودا ئالاقىسىدىكى نامۇۋاپىق تەرەپلەرنى تەڭشەش خۇسۇسىدا ، بۇ يىل خىتاي بىلەن ئىككى مەرتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا خىتاينى 2001- يىلى سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىمىدى دەپ، بېيجىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى سۇزان شۋاب خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى، ئامېرىكا شىركەتلىرى يىلىغا نەچچە مىليارد دوللار زىيان تارتماقتا دېگەن ۋە: ' ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھازىرقى زامان سودىسىدىكى ئەڭ ئەجەللىك مەسئۇلىيەت مەسىلىسى. ھەممە دۆلەت بۇ ھوقۇقلارنى قوغداشقا كەسكىن مۇئامىلە قىلىش كېرەك ' دېگەن ئىدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىنى تەكشۈرمەكچى

شۇنىڭ بىلەن، يېقىندا ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن بىر كىچىك گۇرۇپپا تەشكىللەپ، خىتاي ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا ئالغان تەدبىرلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، بۇ يىل 31- ئاۋغۇست خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى توسۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن يەنە، يۇقىرىقى تەلەپنى ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلغان.

جۈمە كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ماتېرىياللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 25- سېنتەبىر بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىنى تەكشۈرىدىكەن.

ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئامېرىكا-خىتاي سودا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن ھايۋانات يېمەكلىكىدە زەھەرلىنىپ ئۆلۈشى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك، ماتتېل شىركىتى چىقارغان خىتايدا ياسالغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى، ئەڭ مۇھىمى خىتاي پۇلىنىڭ نامۇۋاپىق تېگىشىش نىسبىتى قاتارلىقلار ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدە مۇئەييەن يىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئىشلار ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ جىددىي كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلىسىگە ئايلاندى.

16-ئاۋغۇست، كېڭەش پالاتا ئەزاسى، 2008- يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى كاندىداتى كىرس دود بايانات ئېلان ئىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جور بۇشنى، خىتايدىن بالىلار ئويۇنچۇق ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا- خىتاي سودا ئالاقىسى جەريانىدا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 8 ئاي ئىچىدە كۆرۈنگەن قىزىل رەقەم 140 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. (جۈمە)