0:00 / 0:00
كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينى بۇ يىل 3 - ئايدا چاقىرىلىدىغان جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا تەنقىد قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسىنى ئويلاشماقتا. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆتكەن ھەپتە كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىنى چاقىرىپ، يۇقىرىقى مەسىلە بويىچە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ۋە يازغۇچى ئەخمەتجان ئوسماننى زىيارەت قىلدى.