خىتاي بىلەن ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزدى


2005.08.03

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زولىيكنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىش يولىدا ھەمكارلىشىشى كېرەككەن.

زولىيك، سۆھبەتنىڭ "ناھايىتى ئەھمىيەتلىك" ۋە سۆھبەت مەيدانىنىڭ كەيپىياتى" ناھايىتى سەمىمى،" ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. زولىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت تېمىسى ئالدىنئالا بېكىتىلمىگەن. ئۇ، سۆھبەتنىڭ بىر قەدەر ئىختىيارى تېمىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ 2 - نۆۋەتلىك سۆھبەتنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

زولىيك: خىتاي بىلەن ئامېرىكا مەۋجۇت خەلقئارا سىستېمىنىڭ شېرىكلىرى

زولىيكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ۋە ئۆز ئارا چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، سۆھبەت تېمىسى ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك، تېررورىزم، ئىقتىسادى تەرەققىيات، سودا، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق شۇنداقلا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يىل 9 - ئايدا ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلغان. ئەمما ئۇ، سۆھبەتنىڭ كونكېرت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى.

زولىيكنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى خىتاينى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك، ئىقتىسادى ۋە سىياسى سېستىمىسىغا قاتناشتۇرۇشكەن. زولىيك بۇ نىشاننىڭ تاماملانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ئامېرىكا بىلەن خىتاي مەزكۇر سىستېمىنىڭ شېرىكلىرى، نۆۋەتتىكى مەسىلە مەزكۇر سىستېما ئىچىدىكى پايدا - زىيان مۇناسىۋىتىگە ئىگە دۆلەتلەر مەنپەئەت مۇناسۋىتىنى قانداق تەڭشەش شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ۋە كېلەچەكتىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشتۇر،" دېدى.

ئامېرىكا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگۈتىشنى ئۈزلىكسىز ئىلگىرى سۈرىدۇ

زولىيك، خەلق پۇلىنى قىممەتلەندۈرۈش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى خەلق پۇلىنى ئاز مىقداردا تەڭشەش ھەرىكىتىنى مۇھىم بىر قەدەم، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگۈتۈشنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدكەن. ئۇ، تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش بىلەن سودىنى چەكلەش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ شۇنداقلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىجابىي چارىسى ئەمەس، دېدى.

زولىيك، سۆھبەت جەريانىدا توقۇلما بۇيۇملار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، سۆھبەتكە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى، ساغلام تەرەققىياتى شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيا مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ باھا بەردى.

سۆھبەت، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوتى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كەلدى

بىلەن بېيجىڭدىكى سۆھبەت، خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سىياسى، ھەربىي ۋە سودا - ئىقتىسادى تالاش - تارتىشلار ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر چاغدا ئېلىپ بېرىلدى.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارغا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسى قوشۇلدى. خىتاي بىلەن ئامېرىكا تەرپنىڭ 1 - ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان سۆھبىتى، ۋاشىنگتوندىكى بىر ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملەر توغرىسىدا سوت ئاچقان كۈنىگە توغرا كەلگەن. بۇ كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان تۇتقۇنلار ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزىنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭدىكى سۆھبەت بىلەن ۋاشىنگتوندىكى سوتنىڭ بىر كۈنگە توغرا كېلىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدىكەن. سىدىق ھاجى روزى مۇنداق دەيدۇ:

8-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋاشىنگتوندا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا سوي يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا، دەل شۇ كۈندە بېيجىڭدە جوڭگۇ – ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئالىي سۆھبەتكە ئولتۇردى. مېنىڭچە بۇ تاڭ نۇرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

"خەلق گېزىتى": سۆھبەت خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى سەزگۈر ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان بىر چاغدا ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى "خەلق گېزىتى" 1 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىكى سۆھبەت توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، سۆھبەت ئامېرىكا خىتايغا جىددى دىققەت قىلىۋاتقان سەزگۈر بىر چاغدا چاقىرىلدى شۇنداقلا بۇ سۆھبەت خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يىتەكچىلىك خاراكتېرگە ئىگە، دەپ ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا تارقاتقان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئاسىيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي تەرەپ بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇشنى " ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت"، دەپ ئاتىغان. ئەمما ئامېرىكا تەرەپ "يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى"، دەپ ئاتىدى. ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، " ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت" ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.