خىتاي - ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2005.12.07
خىتاي - ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا باشلاندى. سۆھبەتكە ئامېرىكا تەرەپتىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زولېيك، خىتاي تەرەپتىن دەي بىڭگولار يىتەكچىلىك قىلغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا سىياسى ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى بىئارام قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كۈنتەرتىپتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر ھېساپلانمايدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ مەقسىدى خىتاينى دۇنيا سىستېمىسىغا ئېلىئىپ كىرىش
1 - نۆۋەتلىك خىتاي - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 2004 - يىلى ئۇچراشقاندا ماقۇللىغان قارارى بويىچە بۇ يىل 8 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. سۆھبەتنىڭ 2 - نۆۋەتلىكى پەيشەنبە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، تەرەپلەر سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسۋىتىگە دائىر مەسىلىلەر بويىچە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.
ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زولېيك، بۇ يىل 8 - ئايدا بېيجىڭدا چاقىرىلغان 1 - نۆۋەتلىك سۆھبەتكە قاتناشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەقسىدى خىتاينى خەلقئارا بىخەتەرلىك، ئىقتىسادى ۋە سىياسى سېستىمىغا ئېلىپ كىرىش، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
زولېيكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي - ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى، تەرەپلەر بىر- بىرىنىڭ نېمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۆھبەتتىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلار قاتارىغا كىرمەمدۇ؟
بۇش ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلار 2 - نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ئاساسلىقى ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىكىنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئادام ئەرەلىي، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۆھبەت تېمىسىدىكى ئاساسلىق تېمىلار قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرمىدى.
ئادام ئەرەلىي، بىر مۇخبىرنىڭ پرېزىدېنت بۇش بۇ يىل 11 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا نۇرغۇن سىياسى ئۆكتىچىلەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويامدۇ ؟ دېگەن سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، " مېنىڭچە سىز ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ناھايىتى ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. ئەگەر بىز خىتايدا بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىمىزگە خىلاپ ھەرىكەتلەر يۈز بەردى، دەپ قارىغىنىمىزدا بىز بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇمىز. بىزنىڭچە خىتايدا ياشايدىغان بارلىق خەلقلەر ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ خىتاي بلەن بولغان دائىمى خاراكتىرلىك سۆھبەتلىرىمىزدە بىز دائىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى ئەركىنلىكىنى قوللانغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىش ۋەقەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە يەنە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىمۇ بار،" دەيدۇ.
ئادام ئەرەلىي: كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل سىياسىتى
ئادام ئەرەلىينىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ چارشەنبە كۈنى دەي بىڭگو بىلەن روبېرت زۇلېيكلار ئارىسىدا باشلانغان ئىستىراتىگىيىلىك سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئىنچىكىلەپ توختۇلۇشنى خالىمايدىكەن. ئادام ئەرەلىي، " مەن چارشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان مۇزاكىرە تېمىسى ھەققىدە ئىنچىكىلەپ توختۇلۇشنى خالىمايمەن،" دەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى زولېيك ئىلگىرى 1 - نۆۋەتلىك خىتاي - ئامېرىكا ئىستىراتىگىيىلىك سۆھبىتى ئىستىراتىگىيىلىك قاتلاملىققا ئىگە كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق ئادام ئەرەلىي، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك سۆھبەتلەردە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلە، دەيدۇ.
چىكاگو مۇنبىرى: كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتتىكى ئەڭ مۇھىم تېما ئەمەس
"چىكاگو مۇنبىرى گېزىتى" نىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارىدىن ئىگىللىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىدە تىلغا ئېلىنىپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئومۇمى خاراكتېرلىك مەسىلە ئىكەن. بۇ ئەمەلدار، ئامېرىكا تەرەپنىڭ پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان سىياسى ئۆكتىچىلەر مەسىلىسىنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۇرى تۈركەل : ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يۈز خاتىرە قىلىدۇ
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆپ ھاللاردا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا ئاشكارە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ساقلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى سەزگۈرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار، پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ياكى نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن جىددى مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر چاغدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئۇنىڭغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ئىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇش شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش خىتاينى تەيۋەندىن ئۆلگە ئېلىشقا چاقىردى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئاسىيا زىيارىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر
- ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتايغا قاراتقان سىياسەتنى تەڭشەشكە چاقىردى
- ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر پرېزىدېنت بۇشنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- رامىسفېلد خىتايدىكى نىقاپلارنى ئېچىۋەتمەكچى