سولمون ئارىلىدا خىتاي مۇھاجىرلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار


2006.04.25

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان كۈنى، يەنى 2006 ‏- يىل 4 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى سولمون ئارىلىدا خىتاي مۇھاجىرلىىرنىڭ دۇكانلىرىنى بۇلاپ ئوت قويىۋىتىدىغان جىددىي ۋەقە يۈز بەرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 4 ‏- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەتىگەن سائەت نۆلدىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، تېنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى سولمون تاقىم ئاراللىرىدىن 310 نەپەر خىتاي مۇھاجىرى ئايرۇپىلان بىلەن گۇاڭجۇدىكى بەييۈن ئايرۇدرومىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. يەنە بىر تۈركۈمدە 21 خىتاي مۇھاجىرى يېتىپ كەلگەن. ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن 15 نەپەر گۇاڭدوڭلۇ ق ۋە شاڭخەيلىك خىتاي مۇھاجىر چوڭ قۇرۇقلۇققا ئاللىقاچان قايتىپ كېلىپ بولغان ئىكەن.

خەۋەر بايان قىلىنىشىچە، تىنچ ئوكاننىڭ جەنۇبىدا سولمون ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئارال دۆلىتى تەيۋەننىڭ ئىتتىپاقدېشى. ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تاقىم ئاراللىرىدىكى كىچىك دۆلەتلەر بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق. بۇ ئارالدا خىتاي مۇھاجىرلىرىنى بۇلايدىغان ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھاجىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پاپۇا يېڭى گىننىيادىكى ئەلچىخانىسىدىن پايدىلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي پۇقرالىرىغا سولمون تاقىم ئارالىرىغا بارماسلىقنى جاكارلىماقتا.

ئاساسىي بىلىملەر

دۇنيا خەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق، تېنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى پاپۇا يېڭى گىنيانىڭ شەرق تەرىپىدە 6 كىچىك گۈزەل ئارالدىن تەركىپ تاپقان سولمون تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەل بار. بۇ ئەلنىڭ نۇپۇسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ ئەلدە ياشايدىغان مىرانىيانلار 1978 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى ئەنگىلىيىدىن مۇستەقىل بولغان. بۇ ئەلنىڭ زىمىنىنىڭ 90% ى ئورمانلىق. بۇ دۆلەت ئادەتتە ياپونىيە، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيىلەر بىلەن تىجارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ كاۋچۇك، ياغاچ، بېلىق مەھسۇلاتلىرى داڭلىق. بۇ دۆلەتتىن نېفىتمۇ چىقىدۇ. بۇ ئەلدە مىڭدەك خىتاي مۇھاجىرى بار. ئۇلار ئەسلىدە تەيۋەندىن ياكى خوڭكوڭدىن كېلىپ يەرلەشكەن.

خىتاي پۇقرالىرى بۇ دۆلەتلەرگە ناھايىتى تىز سۈرئەت بىلەن كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان

ب ب س مۇخبىرى سىپىلېرنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندىقى بىرنەچچە يىل ئىچىدە بۇ ئەلگە چوڭ قۇۇرقلۇقتىنمۇ خىتايلار كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. بەلكى ئۇلار ناھايىتى كۆپ پۇل ئېلىپ كېلىپ، دېڭىز ساھىللىرىدىن يەر -زىمىن سېتىۋېلىپ رېستۇران، قاۋاق ۋە سودا سارىيى بىنا قىلىپ تېجارەت باشلىغان. بىر ھەپتىدىن بۇيان بۇ ئەلدىكى خىتاي بازىرىدا ۋەقە يۈز بەگەندىن كېيىن، بۇ كىچىك دۆلەت بىردىنلا دۇنيادىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ دېققەت قىلىۋاتقان يەنە بىر مەركىزى نوقتىسىغان ئايلاندى. مۇخبىرنىڭ 'سولمون يۇلتۇزى' گېزىتى ئارقىلىق ئىگەللىشىچە، تەيۋەن دۇنيادا ئىتتىپاق تۈزۈپ، دېپلوماتىيك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەردىن گەرچە ئاران 25 ى قالغان بولسىمۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى شۇلارنىمۇ تەيۋەندىن تالىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خىتاي پۇقرالىرى بۇ دۆلەتلەرگە ناھايىتى تىز سۈرئەت بىلەن كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. چوڭ قۇرۇقلۇقتىن بىر خىتاي كۆچۈپ كەلسە ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئەكىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى يەنە ئۆزىنىڭ باشقا جەددى -جەمەتلىرىنى ئەكىلىپ ناھايىتى تىز كۆپۈيۈشكە باشلىغان. قىسقىسى مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا سولمون ئاراللىرىدا خىتايلارنىڭ سانى بىر نەچچە مىڭغا يەتكەن. ئۇلار ئاچقان شىركەتلەر گەرچە يەرلىكلەر ئۈچۈن بەزى خىزمەت پۇرسىتى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تەمىنلىگەن خىزمەت شارائىتى ناچار، ئىش ئېغىر ۋە ئۇنىڭ ئەكسىچە تەمىنات تۆۋەن بولغاچقا، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ سودا ئەخلاقى ناچار بولغاچقا، بۇ 'يېڭى بايلار' يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇ يىللاردا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن خىتايلار بىلەن ئەسلىدە يەرلىشىپ قالغان تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇق خىتاي مۇھاجىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرمۇ كەسكىنلەشكەن. ب ب س مۇخبىرى سىپىلېر ئەپەندىنىڭ ئاۋسترالىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىگەللشىىچە، سولمون ئاراللىرىغا كەلگەن خىتاي پۇقرالىرى بۇ ئارالدا خيانەتچىلىك-چرىكلىكنى ئەۋج ئالدۇرىۋەتكەن. سولمون ئاراللىرىدا يۈز بەرگەن خىتاي مۇھاجىرلىرىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىدىغان ۋەقە 4 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پارلامىنت سايلىمىدا، سنىدېر رىنى ئەپەندىنىڭ باش مىنىسىتىلىققا سايلىنىشى ئۈچۈن خىتاي مۇھاجىرلىرى پارلامنىت ئەزالىرىغا پارا بەرگەنلىكىگە قارىتا پەيدا بولغان نارازىلىقتىن كېلىپ چىققان. نەتىجىدە نارازىلىق مالىمانچىلىققا ئايلىنىپ، 18 ‏- ئاپىرل كۈنى يەرلىك خەلق توپلىنىپ كېلىپ خىتايلار ئاچقان دۇكانلارنى بۇلاپ، ئوت قويۇشقا باشلىغان.

بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 90% خىتاي بازرىى ۋەيران قىلىنغان

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'داگوڭباۋ گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، 18 ‏- ئاپرىل كۈنى سولمون ئاراللىرىنىڭ پايتەختى خونىيارا شەھىرىدە يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقتا خىتاي بازىرى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان، 20 دەك دۇكان، مىھمانخانا كۆيدۈرىۋېتىلگەن. 19 ‏- ئاپىرل كۈنى خونيارا شەھىرىدە خىتاي بازارلىرىنى كۆيدۈرۈش يەنە داۋاملاشقان. بۇ كۈنى يەنە 20 دىن ئارتۇق جايدىن ئاسمان پەلەك ئىس -تۈتەك كۆتۈرۈلگەن. تۇقۇنۇشتا ساقچى ۋە تنچلىقنى قوغداش قوشۇنلىرىدىن 6 كىشى يارىلانغان. گەرچە خىتاي مۇھاجىرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ھادىسە يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ‏-‏-‏- مەزكۇر ئارال دۆلىتىدە 2000 ‏- يىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ۋاقە بولۇپ ھېسابلانماقتا. ئومۇمەن بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 90% خىتاي بازرىى ۋەيران قىلىنغان. زىيان مىقتارى 20 مىليون يۇەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، چوڭ قۇۇرقلۇقتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بوين 777 بەلگىلىك يولۇچى ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ سولمون ئاراللىرىغا يېقىن باشقا ئەل ئارقىلىق 300 دىن ئارتۇق خىتاي مۇھاجىرىنى گۇڭجۇ ۋە شاڭخەيگە قايتۇرۇپ كەلگەن. سولمون ئاراللىرىدىن خىتاي مۇھاجىرلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىشى خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ تەستىقى بىلەن ئىجرا قىلىنغان. سولمون ئاراللىرىدىكى قالايمىقانچىلىق تېخىچە داۋاملاشماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.