خىتاينىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كانادادا سوتقا چاقىرتىلدى

0:00 / 0:00

كانادادا زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاينىڭ جىلىن ئولكىسىنىڭ سېكرىتارى كانادا سوتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كانادادىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ، دەررۇ خىتايغا تىكىۋەتتى. ئامما خىتاينىڭ تورونتودىكى كونسۇلخانىسى بۇ ۋەقەنى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدە مۇھىم ئىشى بولغانلىغى ئۈچۈن خىتايغا قايتتى ،دەپ چۈشەندۈردى.

كانادادىكى فالۈنگۇڭچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، جىلىن ئۆلكىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى لى يەنجى تەن جازاسى بېرىش، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى بىلەن كانادا سوتىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئۇ خىتايدا فالۈنگوڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن تونۇلغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.