خۇجىنتاۋ كونا ئىنقىلابىي بازا لارغا تاۋاپ قىلىش ئارقىلىق كۈچ توپلاپ سوتسىالىستىك يېڭى يېزا قۇرالامدۇ؟


2006.03.17

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى چوڭ يىغىندا دېھقانلارغا قارىتا 'سوتسىالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەن سىياسەتنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق، مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە قايتىدىن مۇنازىرە باشلىدى.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 نەچچە يىل ئىچىدە 8 قېتىم 1 ‏-نۇمۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، گەرچە يېزا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۆپ ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما يېزا مەسىلىسى تېخىچە ھەل بولمىدى. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە يېزا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 'سوتسىالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەن سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمدى يېزا مەسىلىسى بۇنىڭ بىلەن ھەل بولامدۇ؟ ئەمما ھازىر بۇنىڭغا نىسبەتەن خىتاي زىيالىېلىرى ئۈمىدۋار ئەمەس.

يېڭى يېزا قۇرىمەن دېسە، ئالدى بىلەن دېھقانلار بىلەن شەھەرلىكلەرنى تەڭ -باراۋەر قىلىشى كېرەك

خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە گۇڭ شېڭلى ئەپەندى 'خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا مەسىلىسنى ھەل قىلىمەن دېسە، ئالدى بىلەن يەر-زېمىن ھوقۇقى، نوپۇس تۈزۈمى، مەبلەغ مەنبەسى، يېزا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە تۈزۈمى ۋە ھازىرقى قىزىل رەقەم مەسىلىسى قاتارلىق بەش جەھەتتىكى خاتالىقنى تۈزىتىشى كېرەك' دەپ كۆرسەتكەن. يېزا مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بىرىپ كېلىۋاتقان ھازىر كانادادا تۇرۇشلۇق دۇ جژفۇ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، يۇقارقى بەش مەسىلىنىڭ ئىچىدە يېزا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيىسىدىكى قىزىل رەقەم مەسىلىسى ئەڭ چوڭ مەسىلە. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى 'يېڭى يېزا قۇرىمەن دېسە، ئالدى بىلەن دېھقانلار بىلەن شەھەرلىكلەرنى تەڭ -باراۋەر قىلىشى كېرەك، قىسقىسى دېھقانلارنى خۇددى شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ھەرخىل سۇغۇرتىلاردىن بەھرىمان بولالايدىغان قىلىش كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ كېتىدۇ. بۇ پۇل نەدىن كېلىدۇ؟ ھازىر دېھقانلارغا قۇرۇق گەپنىڭ لازىمى يوق، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ تەدبىرلىرىنى كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

دۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نورمال دۆلەتلەردە شەھەرلەردىكى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۆي-زېمىنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن كېلىدۇ. يېزىلاردا بولسا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتى يەر - زېمىنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن كېلىدۇ. ئەمما خىتايدا ئۇنداق ئەمەس. يېزىلاردا دېھقانلار ئۆزى تېرىيدىغان يەرگە ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن كەلگەن پايدىغا دېھقان ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. يېزا مەسىلىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دېھقاننى يەر-زېمىنغا ئىگە قىلىش كېرەك ياكى پۈتۈنلەي يەر-زېمىندىن ئايرىپ، ئۇلارنى تامامەن شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇنىڭغا خىتايدىكى ھازىرقى نوپۇس تۈزۈمى توسالغۇ بولىدۇ. قىسقىسى، بىر دۆلەتتە ھوقۇقى، ھەممە سۇغۇرتىسى بار پۇقرا ۋە ھوقۇقى، سۇغۇرتىسى يوق پۇقرادىن ئىبارەت ئىككى خىل پۇقرا بولسا، بۇنداق دۆلەتنى بىر نورمال دۆلەت دېگىلى بولمايدۇ.

خىتايدا ھازىر 2860 ناھىيىنىڭ ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى يېزا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مالىيىسىدە قىزىل رەقەم بار. ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 250 مىليون يۇەن قەرزى بار. ھۆكۈمەت بۇنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ يېڭى يېزا قۇرۇشقا قايسى مەبلەغنى سالىدۇ؟ يېزىلاردا مائارىپ، داۋالاش ۋە باشقا سۇغۇرتا تۈزۈمىنى نېمە بىلەن تىكلەيدۇ؟ بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ كونكرېت تەدبىر ىنى خەلققە ئېيتىشى كېرەك.

خۇ جىنتاۋ كۆڭلىدە نېمىنى ئويلىغانلىقىنى خەلققە ئېيتمىدى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى جاۋ گوبياۋ ئەپەندى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان كونا 'ئىنقىلابىي بازا' دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان رايونلارغا تاۋاپ قىلىش ئارقىلىق ئەقىل ۋە كۈچ توپلاپ، شۇ ئارقىلىق 'سوتسىالىستىك يېڭى يېزا' قۇرۇش كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ بىر ئوبزور يازغان.

‏-دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چاغان بايرىمىنى يەنئەندە ئۆتكۈزدى، ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى ئويلىغانلىقىنى خەلققە ئېيتمىدى،‏- دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى، ‏-‏ ئەگەر رەئىس خۇ جىنتاۋ يەنئەننى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ مۇقەددەس ماكانى، ئۇنىڭغا تاۋاپ قىلىپ، ئۇنىڭ روھىنى چاقىرىش كېرەك ، دەپ ئويلىغان بولسا خاتا قىلغىنى. جاڭ كەيشى ئەپەندى مەغلۇپ بولۇۋاتقاندا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس يۇرتى بولغان جېجياڭدىكى زىشى دېگەن جاينى بىر نەچچە قېتىم تاۋاپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن مەغلۇبىيىىتىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان ئىدى. ئەيسىنكولومۇ مانجۇ سۇلالىسى مەغلۇپ بولۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئاقتاغ-قاراسۇ دېگەن يۇرتىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىپ، مانجۇرىيە دېگەن دۆلەتنى ئۆز يۇرتىدا قايتىدىن قۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا مەغلۇبىيىتىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان ئىدى. چىن شىخۇاڭ پادىشامۇ ئۆزىنىڭ يۇرتى بولغان غەربى چىن دۆلىتىدىن نېرى كەتمەي تاۋاپ قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ئىدى. خۇ جۇشى كونا 'ئىنقىلابىي بازىلار' دېگەن جايلاردىكى ھازىرقى خەلقنى چۈشەنمىسە كېرەك. مەن رۇيجىڭغا بېرىپ كەلدىم. 30 ‏- يىللاردىكى 'يەر ئىگىلىرىنى يۇقىتىش، يەر تەقسىم قىلىش' دېگەن شۇئارلار بۇ جايدا تېخىچە تاملاردا تۇرۇپتۇ. ئەمما يەرلىك خەلق ھازىر ئەينى ۋاقىتتا شۇنى قىلغان كوممۇنىستىك پارتىيىنى ئەڭ يامان تىل بىلەن تىللايدىكەن. ئۇلارنىڭ ھازىرقى كوممۇنىستىك پارتىيىگە بولغان نەپرىتىمۇ ئەڭ كۈچلۈك.

- مەن ئۇ جايدا تېخىچە يىل بۇيى ئىشلەپ نامراتلىشىپ بېلى يا دەك مۈكچىيىپ كەتكەن ناھايىتى كۆپ ئادەمنى كۆردۈم. ‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ جاۋ ئەپەندى، ‏-‏ خىتايدىكى 1 مىليارد 300 مىليون ئادەمنىڭ ئىچىدە 'ۋەتەننىڭ چوڭ بىرلىكى' دېگەن ئىدىيىگە ۋارسلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قانۇنلۇق ئورۇنغا قويماقچى بولۇۋاتقان ئادەملەر پەقەت ئۆزلىرىنى 'دۆلەت رەھبەرلىرى' دەپ ئاتاۋاتقان ھازىرقى شۇ بىر نەچچىلا ئادەمدىنلا ئىبارەت بولسا كېرەك. ئەگەر قان سۈرۈشتۈرسە، 'ئىنقىلابى بازا'لارغا ۋارسلىق قىلىش ھەققى بار ئادەملەردىن ماۋ يۇەنشىن، دېڭ بۇفاڭ، جاڭ ميەنخېڭ دېگەنلەر ۋارسلىق قىلسا بولاتتى. ئەمما ھازىر ئۇلار ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋاتقاندا، خۇ جىنتاۋنى ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىشقا كىم قويۇپتۇ؟ ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھازىر كوممۇنىستىك پارتىيىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خۇ جۇشىنىڭ ئەقلى يەتمەيۋاتسا كېرەك. راستىنى ئېيتساق، كوممۇنىستىك پارتىيىنى قۇتقۇزىدىغان 'ئەل تۇتۇش ئۈرنەكلىرى' ھازىر شۇ كونا 'ئىنقىلابىي بازا'لاردىن تېپىلمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى 'ئىنقىلابىي بازا'لاردىكى ھازىرقى روھ بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا سوتسىالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.